
مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش ۋاقتى بېكىتىلگەن.
مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرى: 7-ئاينىڭ 3-كۈنى (جۈمە) ئوقۇتۇش خىزمىتى ئاخىرلىشىدۇ، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى (دۈشەنبە) يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ.
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر: 7-ئاينىڭ 10-كۈنى (جۈمە) ئوقۇتۇش خىزمىتى ئاخىرلىشىدۇ، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى (دۈشەنبە) يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ.
2026-2027 ئوقۇش يىلىنىڭ 1-مەۋسۇمىدا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2026-يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى (يەكشەنبە) ئېچىلىدۇ، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى (دۈشەنبە) دەرس باشلايدۇ.
يەسلىلەر مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە ئاساسەن ئىجرا قىلىدۇ، ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپلەر ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئاساسەن ئىجرا قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ