
خەلق تورى مۇخبىرى چيۇ يۈجې
ياز كۈنلىرى، لياۋخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەنىدى. تۇزلۇق ھەم نەم دېڭىز شامىلى ساھىلنى سىيپاپ ئۆتۈپ كىشىگە راھەت بېغىشلايتتى. ساھىلدا كۈل رەڭ ئارىلاش، يۇپيۇمىلاق ئون نەچچە تىيۇلېن ياتاتتى، بەزىلىرى ھورۇنلۇق بىلەن دۈم يېتىپ ئاپتاپقا قاقلىنىۋاتاتتى، بەزىلىرى بەزىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا نەزەر سالاتتى، ئۇلار تولىمۇ ئوماق ئىدى.
بۇ جۇڭگودىكى بىردىنبىر تاغىل تىيۇلېن كۆپىيىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. لياۋنىڭ پەنجىن سۇلۇق يەرنى قوغداش جەمئىيىتىدىكى تيەن جىگۇاڭ ئاۋازىنى پەسەيتىپ مۇنداق دېدى:«بۇ يىلقى بېسىق مەزگىلدە، ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈنىگە 451 تېيۇلىن قىرغاققا چىقىپ، ئۇدا ئۈچ يىل يېڭى رېكورت يارىتىلدى.» ھالبۇكى ئالدىنقى يىللاردا پەقەت نەچچە ئون نەچچىلا تىيۇلىننى كۆزەتكىلى بولاتتى.

تاغىل تىيۇلېن لياۋخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى ساھىلدا ماكانلاشتى. شيې گاڭ فوتوسى
63 ياشلىق بېلىقچى سۇڭ جيالى ھەر كۈنى قوغداش رايونىدىكى سۇ رايونىنى چارلاش جەريانىدا تېرىسى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:«كۆپچىلىك كېمە ھەيدەپ ئۆتكەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساھىلدىن يىراقلىشىپ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، تۆۋەن ئاۋازدا گەپ قىلىدۇ.» بۇ جايدا ئۇنىڭغا ئوخشاش چارلىغۇچىدىن 30 نەچچىسى بار. ئون يىلدا، لياۋخې دەرياسى ئېغىزىدا 20 دىن ئارتۇق تاغىل تىيۇلېن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋېلىندى ھەم قويۇپ بېرىلدى.

تاغىل تىيۇلېن لياۋخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى ساھىلدا ماكانلاشتى. خەلق تورى مۇخبىرى چيۇ يۈجې فوتوسى
ئەمما ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى باشقىچە ئىدى: دېڭىزنى چۆرىدەپ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاچقا، سۇلۇق يەر پارچىلىنىپ كەتكەن، دېڭىز سۈيى بۇلغانغانىدى. تيەن جىگۇاڭ مۇنداق دېدى:«ئۆسۈملۈكلەر ئازايغاچقا، بېلىقلار كەلمەيتتى، يېمەكلىك بولمىغاچقا، ئالا تىيۇلېنمۇ تەبىئىيلا كېلىشنى خالىمايتتى.»
ئۆزگىرىش 2015-يىلى باشلاندى. 598 باقمىچىلىق ئائىلىسىنىڭ ھەممىسى چېكىندۈرۈلدى، دېڭىزغا بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان 366 ئېغىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، 85 مىڭ 900 مو سۇلۇق يەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار ساھىلغا شورئوت ئۇرۇقىنى چاچتى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ماس قەدەمدە مەشغۇلات قىلدى. شورئوت تۇپراقنىڭ شور تەركىبىنى تۆۋەنلىتىپ، جانلىقلارنى ياشاش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى.
ئىلگىرى، بۇ ساھىلغا راك بېقىش كۆلچىكى ۋە قاشا تور زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر ھەممىسى دېڭىزغا قايتۇرۇلدى.
ئېكولوگىيە ياخشىلانغاندىن كېيىن، بېلىقچىلىق بايلىقىمۇ ئەسلىگە كەلدى. پەنجىن دۆلەت دەرىجىلىك دېڭىز-ئوكيان باقمىچىلىق مەيدانى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن ئىككىنى قۇردى. بۇلتۇر پۈتۈن شەھەرنىڭ دېڭىز سۈيى باقمىچىلىق مەھسۇلات مىقدارى 40 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.1 ئاشتى.

كۆپ خىل ياۋايى ھايۋانلار لياۋخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدا ئوزۇق ئىزدىگەچ ئارام ئالماقتا. شيې گاڭ فوتوسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپلىگەن تاغىل تىيۇلېنلار مۇشۇ يەردە قىشنى ئۆتكۈزۈپ، شىمالغا كۆچمەيدىغان بولدى. ئۇلار ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن، بۇ دېڭىز قولتۇقىغا ئىشەنچ بېلىتى تاشلىدى.
سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر تاغىل تىيۇلېن بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. لياۋخې دەرياسى ئېغىزىدا كۆزىتىلگەن قۇش تۈرى 336 خىلغا يېتىپ، بۇ يەر قارا تۇمشۇقلۇق چايكا يەرشارى بويىچە كۆپىيىدىغان ئەڭ چوڭ جايغا ئايلاندى. 18 كىلومېتىرلىق قىزىل دېڭىز ساھىلى مەنزىرە كارىدورىدا، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى توپ-توپ قۇشلارنىڭ بىللە ئۇچۇۋاتقان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتتى، ساياھەتچىلەر چۆكۈش شەكلىدىكى ئېكولوگىيە ساياھىتى تۈرىگە قاتناشتى، بالىلار سۇلۇق يەر بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدا بۇ دېڭىز ساھىلىنى چۈشەندى. بۇلتۇر، بۇ جاي 1 مىليون 50 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، ساياھەت كىرىمى 50 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
زۇمرەتتەك دېڭىز، كۆك ئاسمان، قىزىل ساھىل، يېشىل قومۇش ۋە بەس-بەستە سايرىشىۋاتقان قۇشلارنى ئۆز ئىچگە ئالغان ئادەم بىلەن دېڭىزنىڭ ئىناق گۈزەل يۆگىمە رەسىمى لياۋخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدا نامايان بولماقتا.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ