
گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى ساۋ لىڭجۈەن، ليۇ شۇۋېن، سۈي يىن
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى يىغىنى مۇشۇ يەردە ئېچىلغان، ئارقىدىن جېجياڭ جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى بىر ساياھەت كېمىسىگە يۆتكەلگەن.»
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي ئالدىدا، قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچى لى رۈيچېڭ كۆڭۈل قويۇپ چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.
بىر تەرەپتە، قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچى ما شېنيەن تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ پىدائىيلار چۈشەندۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىنقىلابىي ھېكايىسى ۋە قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى سۆزلىگىنىمدە، ئىنتايىن ھاياجانلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن.»
لى رۈيچېڭ، ما شېنيەن شاڭخەي شەھىرىنىڭ خۇاڭپۇ رايونى لۇۋەن 1-مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى «قىزىل كاناي» كىچىك چۈشەندۈرگۈچىلەر ئىجتىمائىي تەشكىلاتىدىن كەلگەن. 20 يىلدىن بۇيان، بۇ قوشۇن «بالىلار نۇسخىسىدىكى چۈشەندۈرۈش سۆزى» ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇش ھېكايىسىنى بايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى «ھېكايە ئاڭلىغۇچى»دىن «ھېكايە سۆزلىگۈچى»گە ئايلاندۇردى. «ئوقۇش پۈتكۈزگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى بالىلىق چاغلىرىدا تېرىغان قىزىل ئۇرۇقنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن كىشىلىك ھاياتنىڭ يۆنىلىش بەلگىسىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ۋۇ رۇڭجىن ھاياجانلانغان ھالدا.
قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان چوڭقۇر ئۈمىدى. بۇ يىل «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى، نەنخۇ ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىسىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيە ئىشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق»، «سىلەرنىڭ ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىلىم، قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈپ، ئىرادە، پەزىلىتىڭلەرنى چېنىقتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىزىل بالىسى بولۇپ، يېڭى سەپەردە تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈشۈڭلەرنى ئۈمىد قىلىمەن.»
شاڭخەي پارتىيە دۇنياغا كەلگەن جاي، ئەسلىي مەقسەت باشلانغان جاي، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى بارلىققا كەلگەن جاي بولۇپ، 600 دىن ئارتۇق ئىنقىلابىي كونا جاي ھەم قىزىل مەيدان-ساراي بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونا جاي ئىزنالىرىنى پارتىيە تارىخى «دەرسخانىسى»غا ئايلاندۇرۇشتا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخىي ماتېرىياللىرىنى پارتىيە تارىخى «دەرسلىكى»گە ئايلاندۇرۇشتا، ئىنقىلابىي قۇربانلار، نەمۇنىچىلەرنى پارتىيە تارىخى «ئوقۇتقۇچىسى»غا ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ «غول تارتىپ باشاق چىقىرىش مەزگىلى»دە تۇرۇۋاتقان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى سەپەردە تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈشكە يېتەكلىدى.
زامان-ماكاندىن ھالقىغاندا، روھ مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رادىيو شىفىرلىق خەۋەرلىشىش خىزمىتى بارلىققا كەلگەن جاي تارىخى كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا، شاڭخەي شەھىرى شىشى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ يىچاۋ ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، دەسلەپكى رادىيو ئىستانسىسىنىڭ يىراق ئارىلىقتىن خەۋەرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىلمىي قائىدىسىدىن دەرس ئۆتۈۋاتاتتى. «ئىككىسى خۇددى نۆۋەتلىشىپ يۈگۈرىدىغان تەنھەرىكەتچىگە ئوخشاش، ئالدىغا تارقىلىدىغان <ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى>نى شەكىللەندۈرىدۇ. ..» زامان-ماكان ھەمتۈرتكە بولىدىغان بۇ دەرس ئابستراكت ئېلېكتىر دولقۇنىنى مەنىۋى كۈچكە ئايلاندۇردى.
«بىز تېلېگرامما بىلىملىرىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك مۇھىتتا كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى بىلدۇق» دېدى 8-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۈن ياشىن. بىر سىنىپتىكى ساۋاقدىشى فاڭ يۈشېڭ ھاياجانلانغان ھالدا: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى ھەقىقەتەن قالتىس! »دېدى.
شاڭخەيدە، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن قىزىل مەيدان-سارايلار سىجىل بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، «ھەرىكەتچان ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى»، «چۆكۈش شەكلىدىكى دەرسخانا» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قىزىل تارىخنى تۇتقىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان جانلىق مەۋجۇدىيەتكە ئايلاندۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى «100 نەرسىنى 100 مەكتەپكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خاتىرە سارايدا ساقلىنىۋاتقان ۋەكىل خاراكتېرلىك ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مەكتەپلەرگە يەتكۈزدى؛ چېن يۈن خاتىرە سارىيى كۆرگەزمە، ھۆججەت، ماتېرىيال، ھۆججەتلىك فىلىم قاتارلىقلارنى ئالىي مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈپ، چۆكۈش شەكلىدىكى ئۆگىنىش مەنزىرىسىنى بەرپا قىلدى.
ئىنقىلابىي قۇربان لى بەينىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە، خۇڭكوۋ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى جاڭ جياخې قەدىمىنى توختىتىپ، يوشۇرۇن ئۇرۇش سېپىدىكى كۈرەشنى سۆزلىدى: «رادىيو ماشىنىسىنىڭ قۇۋۋىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغاچقا، يېرىم كېچىدە ئۈسكۈنىنى قوزغاتسىلا، قوشنىمىزنىڭ چىراغ قىلى كۆيۈپ كېتەتتى. ..ئۇلار ئاخىردا قۇۋۋىتىنى 7-15 ۋاتقا تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا سىگنالنى يەنئەنگە ئېنىق يەتكۈزەلەيتتى. » بۇ قېتىملىق «ھەرىكەتچان پارتىيە دەرسى» بالىلارنى ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك نەق مەيدانغا چوڭقۇر چۆكتۈردى. پائالىيەتكە قاتناشقان بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۇنداق دېدى: «قەھرىماننىڭ ئىش ئىزلىرى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى!»
«پارتىيە دۇنياغا كەلگەن جاي» قىزىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، شاڭخەي ھۆكۈمەت، مەكتەپ، قىزىل مەيدان-ساراي، جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىشتىن ئىبارەت ئادەم تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، غەمخورلۇق قىلىدىغان ياخشى كەيپىياتنى ياراتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى تەشۋىقات-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ يۈ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ھەر يازلىق تەتىلدە، كىچىك دوستلار چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتسىمۇ، ھەممىسىنىڭ قەددى-قامىتى كېلىشكەن، ئاۋازى جاراڭلىق بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن كۆرۈرمەنلەرگە پارتىيە قۇرۇش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى.»
بۈگۈنكى كۈندە، شاڭخەي «چوڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «قىزىل كاناي» كىچىك چۈشەندۈرگۈچى قاتارلىقلارنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلەر قوشۇنىنى سىجىل كېڭەيتىپ، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، قىزىل تومۇرنىڭ مەڭگۈ ئېقىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.
ئەينى يىللاردىكى «قىزىل كاناي» كىچىك چۈشەندۈرگۈچىسى لى تيەنشىن بۈگۈنكى كۈندە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «قىزىل كاناي» كىچىك چۈشەندۈرگۈچى بولۇش بىر بۆلەك گۈزەل ئەسلىمە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كىشىلىك ھاياتتىكى قىممەتلىك بايلىق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ