
ياز كۈنلىرىدىكى لاسا دەرياسى جىلغىسىدا، ئوت-چۆپ ۋە دەل-دەرەخلەرنىڭ خۇش ھىدى مەيىن شامالدىكى ساڭدا كەنتىنى قاپلىغانىدى. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3650 مېتىر كېلىدىغان ئېگىزلىكتە، قۇياش نۇرى ئوتتەك قىزىق ئىدى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى كۆچەتزارلىقتا يۇمران يۇمران مايسىلار ئەركىن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.
پەن تەتقىقات خادىمى ۋاڭ يۈتىڭ بەش سانتىمېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان مايسىلارنى ئېڭىشىپ تۇرۇپ سىلىغاچ مۇنداق دېدى: «بۇ چوڭ مېۋىلىك يۇمىلاق ئارچا، 2024-يىلى تىكىلگەن. نۇرغۇن كىشى كۆچەت تىكىش ناھايىتى ئاسان، ئورەك كولاپ تىكسىلا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، لېكىن شىزاڭدا بۇ ناھايىتى تەس.» بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ۋە كوللېكتىپىنىڭ كۆپ يىللىق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

تەجرىبىخانىدىكى تەشكىللىك يېتىشتۈرۈلگەن مايسا. خەلق تورى مۇخبىرى سىرېن لوبۇ فوتوسى
ئېگىز ھەم سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل، ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۈچلۈك، تۇپراق قاتلىمى تېيىز ھەم ئۈنۈمسىز بولۇشتىن ئىبارەت ئىنتايىن ناچار تەبىئىي مۇھىت سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى دەرەخ تۈرلىرىنى تاسقاپ چىقىرىۋەتكەنىدى. ئىلگىرى، پارنىكتىكى قارىماققا ساغلام كۆرۈنگەن مايسىلار تاغقا كۆچۈرۈپ تىكىلسە، كۆپ ھاللاردا ئەي بولمايتتى. بۇ، پەن تەتقىقات خادىملىرىدا مۇنداق ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈردى: پەقەت ئۆز يېرىگە ماس كېلىدىغان يەرلىك دەرەخ تۈرلىرىلا شىزاڭنىڭ دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتىكى ئاساسىي قوشۇن بولالايدۇ.
ھالبۇكى، «يەرلىكلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ يول ئوخشاشلا ئاسان ئەمەس. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى لى بىڭجاڭ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى:«شىزاڭدا چوڭ مېۋىلىك يۇمىلاق ئارچا، چوڭ ئارچا، پۇراقلىق ئارچا قاتارلىق نۇرغۇن يەرلىك دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ تۈرلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت قەلەمچە قىلىپ تىككەندە يىلتىز تارتىشى تەس بولۇش، بىخلىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، تاغ گەۋدىسىدە ئورمان بىنا قىلىشتا قوللىنىش نىسبىتى ئىزچىل ناھايىتى چەكلىك بولۇپ كەلدى.»
شۇنداق بولغاچقا، بىر تۈپ يەرلىك دەرەخ يېتىشتۈرۈلۈشتىن ئەڭ ئاخىرىدا قاقاس تاغدا يىلتىز تارتىشقىچە، مۇقەررەر ھالدا ئۇزاق ھەم جاپالىق «ئۇزۇن سەپەر»نى باشتىن كەچۈرىدۇ.
يەرلىك دەرەخ تۈرى مۇتەخەسسىسى ياڭ دېكاڭ مۇنداق دېدى:«قىيىنچىلىق تۇنجى قەدەمدىلا باشلانغان.» چوڭ مېۋىلىك يۇمىلاق ئارچا ۋە پۇراقلىق ئارچىنى مىسالغا ئالساق، ئۇلارنىڭ تەبىئىي ئۆسۈشى ئاستا، يىلتىز تارتىشى تەس بولۇپ، ئەنئەنىۋى قەلەمچە قىلىپ تىككەندە ئەي بولۇش نىسبىتى ھەتتا %20 كىمۇ يەتمەيتتى. بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى كوللېكتىپى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ قايتا-قايتا سىناق قىلىپ، ئاساسىي ماددىنى ياخشىلاش، تۇمانلاشتۇرۇپ نەملىكنى ساقلاش قاتارلىق تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، ئاخىر بۇ دەرەخ تۈرلىرىنىڭ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆپەيتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسىنى راۋانلاشتۇردى.

پەن تەتقىقات خادىمى تەجرىبە ئېلىپ بارماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى سىرېن لوبۇ فوتوسى
تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، قاتتىق بولغان «كۆندۈرۈش» جەريانى باشتىن كەچۈرۈلدى. ياڭ دېكاڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:«تەجرىبىخانىدىن پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرۈشكىچە، ئاندىن سايە تاشلاپ تۇرىدىغان پارنىكتا مايسا چېنىقتۇرۇشقىچە، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈستى ئوچۇق ئېتىزغا يۆتكەپ كۆندۈرۈشكىچە بولغان مۇشۇ بىر يۈرۈش تەرتىپنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، ئاندىن كۆچەتلەرنىڭ تاغقا چىقىش سالاھىيىتى بولىدۇ. بەزى مايسىلارنى بەش-ئالتە يىل يېتىشتۈرگەندە ئاندىن ئۆلچەمگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ، ئالدىراشقا بولمايدۇ.»
دەل مۇشۇنداق سەۋرچانلىققا تايانغانلىقتىن، ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى دەرەخ تۈرلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تەجرىبىنى ئۆلچەمگە ئايلاندۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «چوڭ ئارچا مايسىسى يېتىشتۈرۈش تېخنىكا قائىدىسى» قاتارلىق بەش تۈرلۈك يەرلىك ئۆلچەمنى ئارقا-ئارقىدىن تۈزۈپ چىقىپ، ئېگىز ھەم سوغۇق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۆپەيتكىلى بولىدىغان «تېخنىكا ئۆرنىكى» بىلەن تەمىنلىدى.
تېخنىكىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، يېشىللىق دائىرىسى كېڭىيىشكە باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، تۈركۈم-تۈركۈم شايى ئازغان، جياڭزى جىغىنى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك كۆچەتلەر بۇ يەردىن يولغا چىقىپ، لاسا ھەم يالۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى دەريا جىلغىسى قاتارلىق جايلاردىكى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەق مەيدانلىرىغا يەتكۈزۈلدى.

ساڭدا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى مايسا يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، كىرىمىنى ئاشۇردى. خەلق تورى مۇخبىرى سىرېن لوبۇ فوتوسى
بۇ دەل-دەرەخلەرنى كۆپەيتىدىغان، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان جاي. ساڭدا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دەن زېڭۋاڭمۇنىڭ بازىدا ئىشلەۋاتقىنىغا 20 يىلغا يېقىن بولدى، ئەڭ دەسلەپتە كۆچەت سورتىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان ھالەتتىن، بۈگۈنكى كۈندە كۆچەت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى ھەققىدە ناھايىتى ئېپى بىلەن سۆزلەيدىغان يېرىم «ئورمانچىلىق مۇتەخەسسىسى»گە ئايلاندى. «كەنتتىكى نۇرغۇن كىشى جەنۇب-شىمال تاغلىرىنى كۆكەرتىش تۈرىدە ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇلار ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپلا قالماي، يەنە يۇرتىنىڭ يېشىللاشقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى خاتىرجەم بولدى» دېدى ئۇ.

بۇرۇنقى قاقاس تاغ. شەن زېڭلوبۇ فوتوسى

يېشىللىققا ئايلانغان قاقاس تاغ. شەن زېڭلوبۇ فوتوسى
قاقاس تاغدىن يېشىل چوققىغىچە، پەن-تېخنىكا ئېگىزلىكتىكى دەل-دەرەخلەرنى ئېگىزلىكنىڭ ئۈمىدىگە ئايلاندۇردى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تېخنىك خادىمى شەن زېڭلوبۇ يان تېلېفونىدىكى سېلىشتۇرما سۈرەتنى چىقىرىپ مۇنداق دېدى:«قاراڭ، بۇ ئىلگىرى ليۇۋۇ تونېلى ئەتراپىدىكى مەنزىرە بولۇپ، تاقىر ئىدى. ھازىر دەرەخلەرمۇ مەندىن ئېگىز ئۆسۈپ كەتتى. دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى بۇ خىزمەت ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىكەن، ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىدىكەن دېيىشمەكتە.»
بۇ يېشىللىقنى قوغداش ئۈچۈن، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى يەنە شىزاڭدا ئېگىز، سوغۇق رايونغا خاس يەرلىك دەل-دەرەخ ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئامبىرى قۇردى. ۋاڭ يۈتىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«نۆۋەتتە 100دىن ئارتۇق يەرلىك ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان دەل-دەرەخ گېرمپلازمىسىنى يىغىپ ساقلىدۇق. ھەربىر پىلازمىغا ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپ تۇرغۇزۇلدى، ئىلمىي ئورمان بىنا قىلىش تېخنىكىسى بۇ ئارخىپلار ئارقىلىق كۆكەرتىش بىرىنچى سېپىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆگىنىشى، قوللىنىشىغا قولايلىق يارىتىلدى.»

يەرلىك دەل-دەرەخ ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئامبىرى. خەلق تورى مۇخبىرى سىرېن لوبۇ فوتوسى
ياڭ دېكاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، بىز جەنۇبىي-شىمالىي تاغلاردىكى دەرەخ تۈرلىرىگە قارىتا ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەشنى قانات يايدۇرۇپ، چېكىنىش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى يېڭىلاش خىزمىتى ئۈچۈن تەييارلىق قىلدۇق.»
پىژغىرىم ئىسسىقتا، ساڭدا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى يەر تۈزلەش، قاچىلاپ توشۇش بىلەن ئالدىراش ئىشلىمەكتە، پەن تەتقىقات خادىملىرى ئالدىراش يۈرۈپ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلماقتا. ھەربىر تۈپ دەرەخنىڭ «ئېگىزلىكتىكى ئۇزۇن سەپىرى» يەنىلا داۋاملاشماقتا، ئۇلار يەنە ھاياتلىق ۋە چىدامچانلىق توغرىسىدىكى يېشىل سەھىپىنى پۈتمەكتە. ..(ۋۇ يۈرېن، لى خەيشيا، سىرېن، لوبۇ)
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ