شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى

2026.06.08 15:46 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

زىيارەتكە ھەمراھ بولغانلاردىن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى،دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ