قارامايدىكى بىرمۇنچە ئورۇنلار خىزمەتچى قوبۇل قىلامدۇ؟ ئورگان تەرەپ مۇنداق جاۋاب بەردى

2026.06.08 15:45 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، تور سۇپىسىدا قاراماي شەھىرىنىڭ «كىتاب باشقۇرغۇچى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى مەمۇرىي خادىمى، ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئىشخانىسى كاتىپى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئىشخانىسى كاتىپى» قاتارلىق ئالاقىدار تەكلىپ قىلىش، قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرى كۆرۈلدى.

قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى ئارقىلىق، يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلمىغان، شۇنداقلا ھەرقانداق ئاپپارات، شەخس، ئۆز تاراتقۇغا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش، قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى بەرمىگەن، يۇقىرىقى مەزمۇنلار پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىغا تەۋە.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: كەڭ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەردىن ئورگان تەرەپ سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشقا دىققەت قىلىپ، ناتونۇش ئاپپارات، شەخسلەرگە تىزىملىتىش ھەققى، تەربىيەلەش ھەققى، كاپالەت پۇلى قاتارلىق تۈرلۈك ھەقلەرنى تاپشۇرماي، ئۆزىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئالدامچىلىقىنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كېتىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشىنى سورايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ