6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىن بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى يېڭىلاندى

2026.06.08 15:43 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئالتۇن پەسلىنىڭ مۇقەددىمىسى تەدرىجىي باشلاندى، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى سەپەرگە چىقىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بازىرىنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن جايدىن شىنجاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى يېڭىدىن ئېچىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە سەپىرى تورىنى يەنىمۇ زىچلاشتۇرىدۇ.

جۇڭگو شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، شاڭخەي خۇڭچياۋ-غۇلجا، شاڭخەي پۇدۇڭ-بورتالا، بېيجىڭ داشىڭ-ئالتايدىن ئىبارەت كۈندە بىر قېتىم بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئۈچ نۆۋەتچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئارقا-ئارقىدىن يېڭىدىن ئاچىدۇ، بۇ پۈتۈن يازلىق تەتىلدىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتنى قاپلايدۇ. 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ شاڭخەي خۇڭچياۋ-غۇلجا نۆۋەتچى ئايروپىلانى قاتنايدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى MU6253/MU6254. بېرىش مۇساپىسىدە ھەر كۈنى سائەت 10 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە شاڭخەي خۇڭچياۋ خەلقئارا ئايروپورتىدىن يولغا چىقىپ، سائەت 16 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ، قايتىش مۇساپىسىدە سائەت 17 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە شاڭخەي خۇڭچياۋ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ.

جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئاقسۇ-بېيجىڭ داشىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنىگىچە نۆۋەتچى ئايروپىلان مۇددىتىنى سىجىل زىچلاشتۇرىدۇ.

چوڭ قولتۇق رايونى ئاۋىياتسىيە شىركىتى 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، كۈزلۈك ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ