مەملىكەت بويىچە بۇغداي ھوسۇلىنى يىغىش ئەھۋالى %60 كە يېقىنلاشتى

2026.06.08 15:40 مەنبە: خەلق تورى

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇغداينى كومبايىندا يىغىۋېلىش ئەڭ يېڭى ئەھۋالىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق بۇغداي ھوسۇلىنى يىغىش ئەھۋالى %58.87 كە يەتكەن.

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇغداينى كوبايىندا يىغىۋېلىش ئەڭ يېڭى سۈرئىتىگە ئاساسلانغاندا، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 17 گىچە، مەملىكەت بويىچە 200 مىليون مو يەردىكى يازلىق ئاشلىق يىغىۋېلىنغان، يىغىۋېلىش ئەھۋالى %58.87 بولغان. ئەنخۇيدا بۇغداي يىغىۋېلىش سۈرئىتى %95تىن، خېنەندە %90تىن، جياڭسۇدا %50 تىن، شەنشى، شەندۇڭدا %25تىن ئاشقان، خېبېي، سەنشىدە %10كە يېقىنلاشقان.

نۆۋەتتە، شىمالىي جۇڭگو رايونى ۋە شەندۇڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، خېنەننىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىدا ئازراق ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، ئالاقىدار جايلار چىڭ تۇتۇپ تەشكىللەپ، ياخشى تەييارلىق قىلىپ، يامغۇردىن كېيىن ۋاقتىدا جىددىي يىغىۋېلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارلىنىشى كېرەك؛ خېنەننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە ئەنخۇي، جياڭسۇدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، كومبايىندا يىغىۋېلىش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ