ياپونىيەدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سانى ۋە ئومۇمىي تۇغۇت نىسبىتىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى

2026.06.05 16:23 مەنبە: خەلق تورى

ياپونىيە خوۋشېڭ ئەمگەك ۋازارىتى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلغان نوپۇس ھەرىكەتچان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلى ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سانى 671 مىڭ 236 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي تۇغۇت نىسبىتى (ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر تۇغۇت يېشىدىكى ئايالنىڭ پەرزەنت كۆرۈش سانى) 1.14 بولغان، ئىككى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتتا ئىستاتىستىكا قىلىنغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن رېكورت يارىتىلغان. ياپونىيەدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سانى ئۇدا 10 يىل تۆۋەنلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ