
6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، جۇڭگو شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، زۇڭلىسى بېكتېنوف بىلەن سۆھبەتلەشتى. زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ جەمئىي 43 تۈرلۈك ئەسلەتمە ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلدى، بۇ ئاۋىياتسىيە، پۇل مۇئامىلە، سودا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
لى جياچاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: شياڭگاڭ 2027-يىل 1-پەسىلدە ئالمۇتاغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سېلىشنى پىلانلىدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىمكان بار تېزرەك قوش باج ئېلىشتىن ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىش كېلىشىمى ئىمزالاش توغرىسىدا كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇشقا، مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ