ساختا ئوقۇش تارىخىنى دەلىللەش قاتارلىق تور بېكەتلەر

گۇڭئەن مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكى ئىدارىسى تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلدى

2026.06.05 16:22 مەنبە: خەلق تورى

ساختا ئورگان تور بېكەتلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلىرىگە يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش ئۈچۈن، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكى ئىدارىسى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالاقىدار بەش تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى.

بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان بەش تىپىك دېلو ئىچىدە، بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار «يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىش» ۋاسىتىسى ئارقىلىق، مەلۇم ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋاننى دەلىللەش تۈرىدىكى تور بېكەت، مەلۇم مىنىستىرلىق-كومىتېتنىڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان تورى، مەلۇم باج ئورگىنىنىڭ تور بېكىتى قاتارلىقلارنى تەقلىد قىلىپ، ساختىلىق بىلەن قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشكەن. قىسمەن دېلولاردا، جىنايەت گۇماندارلىرى ھەتتا 2400 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىنى تەقلىد قىلىپ ياساپ، ناھايىتى يامان تەسىر پەيدا قىلغان.

گۇڭئەن تور بىخەتەرلىكى تارمىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەش دېلودىكى دېلوغا چېتىشلىق بارلىق كىشىلەرگە گۇڭئەن ئورگىنى قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللاندى، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ