كەلكۈنگە ئالاقىدار پىتنە-ئىغۋا توقۇغانلىقتىن، بىرقانچە پىتنە-ئىغۋا توقۇغۇچى جازالاندى

2026.06.05 16:20 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى كەلكۈن مەزگىلىگە كىردى، كەلكۈن مەزگىلىگە ئالاقىدار تۈرلۈك يالغان ئۇچۇرلارمۇ كەينى-كەينىدىن تارقالدى. تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، گۇڭئەن قاتارلىق تارماقلار خېنەن، خۇبېي، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت ئۈچ جايغا ئالاقىدار ساختا ئۇچۇرلارغا قارىتا ۋاقتىدا رەددىيە بەردى، پىتنە-ئىغۋا توقۇپ تارقاتقان بىرقانچە كىشى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى. خېنەننىڭ شاڭشۇيدىكى تورچى خۇي xx شۇ جايدىكى ئېتىزلىقتا كەڭ كۆلەمدە سۇ يىغىلىپ قالغان، زىرائەتلەرنى سۇ بېسىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، ئەمەلىيەتتە شۇ جايدا قاتتىق يامغۇر ياغمىغان، ئېتىزلارنىڭ سۇ چىقىرىشى نورمال بولۇپ، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، ئالاقىدار كىشىنى ساقچى تەرەپ چاقىرتىپ تەنقىدلىگەن.

خۇبېيدىكى بىر تورچى «خۇبېينىڭ يىچاڭ شەھىرى چاڭياڭ ناھىيەسىدىكى تاغ كەلكۈنى جىلغىدىكى ئەر-خوتۇننى ئېقىتىپ كەتتى، 72 سائەت ئىزدەش-قۇتقۇزۇشتا بىر ئادەم يەنىلا تېپىلمىدى» دېگەن ئۇچۇرنى ئېلان قىلغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە 2015-يىل 7-ئايدا يىچاڭ شەھىرى دۇجېنۋەن بازىرىدا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن تاغ كەلكۈنىدە ئەر-خوتۇن بەختسىزلىككە ئۇچراش ۋەقەسى ئىكەنلىكى، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ شۇ يىلى مۇۋاپىق تاماملانغانلىقى ئېنىقلاندى.

چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى تورچى زوۋ xx 2024-يىلى جۇڭشيەن ناھىيەسىدە ياغقان قارا يامغۇرغا ئائىت كونا سىن كۆرۈنۈشىنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، يازما ۋە ئېلان قىلىنغان ۋاقىتنى ئۆزگەرتىپ، كەلكۈن مەزگىلىدىكى قىزىق نۇقتىغا تايىنىپ ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، تورداشلارنى خاتا يۆنىلىشكە يېتەكلىگەن. نۆۋەتتە، تەۋەلىكتىكى گۇڭئەن ئورگىنى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا مەمۇرىي جازا بەردى، ئالاقىدار پىتنە ـ ئىغۋا ئۇچۇرلىرى ئۆچۈرۈۋېتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ