
مۇخبىرىمىز ۋاڭ خاۋ، دېڭ جيەنياڭ
سۇنىڭ تەقدىرى دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە تۇتىشىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى سەپىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، سۇ ئەھۋالى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، سۇ بايلىقى مەسىلىسىنى ئويلىشىش كېرەك» دەپ مۇھىم ھۆكۈم چىقاردى.
«15-بەش يىل»غا قەدەم قويۇپ، سۇنى ئىدارە قىلىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش − دۆلەت سۇ تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كەلكۈن ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭشەپ تەقسىملەش، شەھەر-يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش.
يېڭى تارىخىي كوردىناتتا، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سۇنى ئىدارە قىلىش قانداق قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك سەپىرىگە قوشۇلدى؟
يېڭى دەۋردىكى سۇنى ئىدارە قىلىشقا ئەمەلىي ئىشلەش لوگىكىسى مۇجەسسەملەنگەن.
2025-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پىلانلاپ تۈرتكە بولغان يارلۇزاڭبۇ دەرياسى تۆۋەن ئېقىنى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ئىش باشلاندى، «مەن بۇ ئىشقا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم. » ئۇزۇن ئېقىنلار گىرەلىشىپ ئېقىشتىن توسمىلار ئېگىز قەد كۆتۈرۈشكىچە، دۆلەتنىڭ سۇ تورى بىر بولقا-بىر بولقىدىن بەرپا قىلىنىپ، «سۇ تىزگىنلەش مۇساپىسىدىكى يەنە بىر ئەسىرلىك يۆگىمە رەسىم» ئاستا-ئاستا يېيىلدى.
«چاڭجياڭ ئاغرىپ قاپتۇ» دەپ دىياگنوز قويۇشتىن «ھازىرقى چاڭجياڭ دەرياسىنى <ئېغىر كېسەلدىن ئەمدىلا ساقايدى> دېيىشكە بولىدۇ»غىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ھالدا مۇنداق دېدى: «بىردەم چىڭ تۇتۇپ، بىردەم بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا، سەللا ياخشىلانسا يەنە باشقىچە ئويدا بولۇشقا بولمايدۇ.»
«بۈگۈن بۇ يەرگە كەلگۈچە، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنلىرىنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ بولدۇم، كۆڭلۈممۇ خاتىرجەم بولدى.»، «تېنى ئاجىز، كېسەلچان» خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەشكە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراق كەلگۈسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «يۈز يىللىق، مىڭ يىللىق پىلان بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك، ئالدىراقسانلىق قىلىشقا، بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى.
تاغ-دەريالاردىن ھالقىغان، پاتقاقلارنى كەچكەن قەدەملەرگە سۇنى ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا بولغان چوڭقۇر مۇلاھىزە مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، سۇنى ئىدارە قىلىشتىكى ھەربىر ئىش دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭ قۇرۇلمىسىغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇنى ئىدارە قىلىش پىكىر يولى يېڭى دەۋردىكى سۇنى ئىدارە قىلىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا نىشان بار، يىرىك پىلان بار، ئىستراتېگىيە بار. » بىر تامچە سۇدا ئىستراتېگىيە بىلەن تىرىشىپ ئىلگىرىلەش، نىشان بىلەن ھەرىكەت ئەكس ئېتىدۇ. دۆلەتنىڭ «دەريا ئىستراتېگىيەسى» چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، 1 مىليون 200 مىڭ دەريا-كۆل باشلىقى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدى، يەتتە چوڭ دەريا ۋادىسىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى تولۇق قۇرۇلدى، «14-بەش يىل»دىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
يېڭى دەۋردىكى سۇنى ئىدارە قىلىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتتى.
«جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ بولۇشىدىكى سەۋەب جاپالىق بولغانلىقىدا، شۇڭا كونا يولدا مېڭىشقا بولمايدۇ»، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويلاندى.
ماڭغىلى بولمايدىغان بۇ كونا يولدا «دۆلىتىمىزنىڭ سۇ بايلىقى ئەۋزەللىكى تەبىئىي يېتەرسىز بولۇش، ئېچىپ پايدىلىنىش شەكلى ئانچە مۇۋاپىق بولماسلىق»تەك قىيىن مەسىلە بار ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: «بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلىپ، بىر تەرەپتىن بىكار قىلىشقا، بىر تەرەپتىن كۆپەيتىپ، بىر تەرەپتىن خورىتىشقا بولمايدۇ، بولمىسا بۇنىڭ ئاخىرى تېگى يوق ھاڭغا ئايلىنىپ قالىدۇ.»
سۇ ئىشلىتىش قارىشى تەرەققىيات قارىشىغا تۇتىشىدۇ. «سۇدىن تېجەپشلىك پايدىلىنىشنى ھەربىر ئورۇن، ھەربىر ئائىلە، ھەربىر كىشىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش»قا چاقىرىق قىلىشتىن «شەھەر تەرەققىياتىدا سۇ ئارقىلىق شەھەرنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق يەرنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق ئادەمنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق كەسىپنى بېكىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش»نى تەكىتلەشكىچە، يەنە «سۇ تېجەش تىپىدىكى، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى پائال راۋاجلاندۇرۇش»نى تاپىلاشقىچە، شەھەردىن يېزىغىچە، نۇقتىدىن دائىرىگە كېڭىيىشكىچە مۇجەسسەملەنگىنى دەل «تەرەققىيات ئۇسۇلىنى يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش» ئىستىكىدۇر.
تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئارقىسىدا سىياسىي نەتىجە قارىشى بار. سۇ تېجەش ئېتىز بېشى، ئىشىك ئالدى، يەر ئاستى، مىكرو ئايلىنىشقا باغلانغان بولۇپ، «ئۇزاق مۇددەتلىك، ئەمەلىي، پۇختا» ئىشلەشنىڭ يوشۇرۇن نەتىجىسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «ئەگەر بىز شەھەر-بازارلاردىكى ئىچىملىك سۇ تۇرۇبا تورىدىن سۇ سىرغىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئېتىزلارنى سۇغىرىشتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتىنى ئۆستۈرەلىسەك، ئۈنۈمى سەنشيا سۇ ئامبىرى، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەشتىن ئىبارەت چوڭ قۇرۇلۇشنى قىلغاندىن قېلىشمايدۇ.»
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات «دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك.» بىر تامچە سۇدىن تەرەققىيات سۈپىتىگە نەزەر سالساق، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا چوڭ قەدەملەپ ئىلگىرىلىدى، ئاشلىق ھوسۇلىدا يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىنغان ئەھۋالدا، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىدا «نۆل ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
يېڭى دەۋردە سۇنى ئىدارە قىلىش خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى.
بىر ئۆستەڭ سۈيىدە ئۆزگەرمەس مېھىر بار.
2013-يىل 2-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇنىڭ دىڭشى شەھىرى ۋېييۈەن ناھىيەسىنىڭ يۈەنگۇدۈي كەنتىگە كېلىپ، يۇرتداشلارنىڭ ئىدىشىدىن بىر نوگاي سۇ ئېلىپ تېتىپ باقتى، سۇنىڭ تەمىدىن باش شۇجىنىڭ قوشۇمىسى چىڭ تۈرۈلدى. ئارقىدىن، باش شۇجى ئالايىتەن تاۋخې دەرياسى سۈيىنى باشلاپ سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى ئورنىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، «خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، سۇنى تىزگىنلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش» ئاساسىي رىتىمىنى بېكىتتى.
2024-يىل 9 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇنىڭ تيەنشۈي شەھىرى مەيجى رايونى نەنشەن خۇانيۇ ئالما بازىسىغا كىردى، مېۋىلىك دەرەخلەر تاغ ـ دالىنى قاپلىغانىدى. تاۋخې دەرياسى سۈيىنى باشلاپ سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى «يىراقتىكى سۇ» ئارقىلىق «يېقىندىكى ئۇسسۇزلۇق»نى قاندۇردى، باش شۇجى مۇنداق تاپىلىدى: «خەلققە بەخت يارىتىدىغان مۇشۇنداق قۇرۇلۇشنى كۆپرەك قىلىپ، پۇقرالار دۇچ كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.»
«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم.» تاغ-دەريالاردىن ھالقىغان سۇ يۆتكەش لىنىيەسىدىن مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان كىچىك سۇچىلىققىچە، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، فۇنكسىيەسى ئەڭ تولۇق، نەپ يەتكۈزىدىغان نوپۇس ئەڭ كۆپ سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.
قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەزەرى تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىگە تىكىلگەن بولۇپ، كۆزلىگىنى مەڭگۈلۈك تەرەققىيات، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشى، شۇڭا «ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكى ۋە تارىخقا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.»
چوڭ دەريا-ئېقىنلار ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈلدى. ئادەم بىلەن سۇ ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل جۇڭگو بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ