ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو ∣لاسا غەربىي ۋوگزالى يۈك مەيدانىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى راۋانلاشتى

خەلق تورى «ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو» سەھىپىسىنىڭ شىزاڭنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش-زىيارەت ئۆمىكى

2026.06.05 14:44 مەنبە: خەلق تورى

بۇ يىل چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. دېڭىز يۈزىدىن 3600 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى لاسا غەربىي ۋوگزالىنىڭ يۈك مەيدانىدا، يۈك ساندۇقلىرى تاغدەك دۆۋىلەنگەن بولۇپ، يۈك ئاپتوموبىللىرى ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، پويىزنىڭ گۈدۈكى ئۇزاققىچە ياڭراپ، نەق مەيدان ئالدىراشچىلىققا تولغانىدى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ماددىي ئەشيالارنى يىغىش-تارقىتىش تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يەردە تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنىڭ كىرىپ-چىقىشى جانلىنىپ، ھەم رايون ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى، ھەم يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈلۈشىگە كۈچ قوشتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ۋوگزالدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يۈك قاچىلاش-چۈشۈرۈش مىقدارى 350 ۋاگوندىن ئوشۇق بولۇپ، يىللىق يۈك كېلىش-تارقىتىلىش مىقدارى 6 مىليون 590 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى يورۇتۇپ بەرگەن.

سۈرەتتە: يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسى لاسا غەربىي ۋوگزالىنىڭ يۈك مەيدانىدا يۈك ساندۇقىنى دەل جايىدا ئېلىپ، قاچىلاش-چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى سىرېن لوبۇ فوتوسى

سۈرەتتە: يەر يۈزىدىكى ئىشچىلار كېشەك كىراننىڭ يۈك ساندۇقىنى يۆتكىشىگە ماسلىشىپ قوماندانلىق قىلماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى سىرېن لوبۇ فوتوسى

سۈرەتتە: يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسى يۆگىمە يوپۇق بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغان تەگلىك مالنى يۆتكەپ، ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ يولغا سېلىشقا تەييارلانماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى سىرېن لوبۇ فوتوسى

سۈرەتتە: قارا رەڭلىك تۇرۇبا ماتېرىياللىرى لىق قاچىلانغان ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى يۈك مەيدانىدىن ئۆتمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى سىرېن لوبۇ فوتوسى

سۈرەتتە: يۈك ساندۇق مەشغۇلات رايونىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قىزىل رەڭلىك كېشەك كىران. خەلق تورى مۇخبىرى سىرېن لوبۇ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ