ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو丨ماشىنا ئادەمنى قوللىنىش يېڭى مۇھىتىدا ھەيران قالارلىق يېڭى مەنزىرە بارلىققا كەلدى

خەلق تورى «ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو» سەھىپىسىنىڭ خۇنەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش-زىيارەت ئۆمىكى

2026.06.05 14:40 مەنبە: خەلق تورى

ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملەر دۇنياسى. خەلق تورى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

«ئۇ راستتىنلا سىزنى يېڭەلەمدۇ؟»، «سىناپ باقساقلا بىلىمىز ئەمەسمۇ.» خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا ناھىيەسى شياڭلۇڭ كوچىسىدىكى «مېيلىن بوشلۇقى»دا، بىر بوۋاي ئەمدىلا ئولتۇرۇشىغا، ئۇدۇلىدىكى ماشىنا ئادەم بىلىكىنى چىقىرىپ، چەبدەسلىك بىلەن بىر قارا ئۇرۇقنى قىسىپ ئالدى. «پاققىدە» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، ئۇرۇق شاھمات تاختىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ، قورشاۋ شاھمات مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى.

«مېيلىن بوشلۇقى» شياڭلۇڭ كوچا باشقارمىسى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، مەھەللىدىكى بىكار تۇرغان ئۆيلەردىن پايدىلىنىپ بەرپا قىلغان يېڭى تىپتىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت بوشلۇقى ھېسابلىنىدۇ. خىزمەتچى خادىم خۇاڭ يۈتىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«بۇ ماشىنا ئادەم خەلقئارا شاھمات، قورشاۋ شاھمات ۋە بەش ئۇرۇقلۇق شاھمات قاتارلىقلارنى ئوينىيالايدۇ. ھەپتە ئاخىرى كېلىشى بىلەنلا، نۇرغۇن ياشانغانلار ۋە بالىلار كېلىپ AI بىلەن شاھمات ماھارىتىدە بەسلىشىدۇ، ئادەم كۆپ ئەھۋالدا ئالدىن كېلىشىپ ئۆچرەتتە تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.»

خۇاڭ يۈتىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«ئىلگىرى ماشىنا ئادەمنى پەقەت تېلېۋىزوردىلا، زاۋۇتتىلا كۆرگىلى بولاتتى، بىز پۇقرالاردىن ناھايىتى يىراق دەپ قارايتتۇق، بۇنداق تېزلا تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمىز. بۇ يىل 5-ئاينىڭ بېشىدا، خىزمەتداشلىرىم بىلەن چاڭشا ناھىيەسى دەرىجىدىن تاشقىرى ئاقىل ماشىنا ئادەملەر دۇنياسىغا بېرىپ، بۇ مۇسابىقە ماشىنا ئادىمىنى ياقتۇرۇپ قالدىم. ئەينى چاغدا نوقۇل ئايلىنىپ ببېقىشنىلا ئويلىغانىدىم، لېكىن سىناپ باققاندىن كېيىن، ناھايىتى ئاقىل، ھەمتۈرتكىلىكلىكى كۈچلۈك، قىزىقارلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.»

تېخنىكىنى ياساپ چىقىپلا قالماي، يەنە پۇقرالارنى كۆرۈپ چۈشىنىش، سىناپ ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. بۇ دەل خۇنەننىڭ بارغانسېرى كۆپ ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇچرىشالايدىغان ماشىنا ئادەم يېڭى كەسپىنىڭ ھالىتى ھېسابلىنىدۇ.

جۇڭيى ساغلاملىق ماشىنا ئادىمى «كۆرۈش، ئاڭلاش، سوراش، تومۇر تۇتۇش» مەشغۇلاتى قىلماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

خىزمەتچى خادىم ئاقىل ئۆي ماشىنا ئادىمىنى تەڭشىمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

بۇ يىل 2-ئايدا تىجارەت باشلىغان چاڭشا ناھىيەسى «دەرىجىدىن تاشقىرى ئاقىل ماشىنا ئادەم دۇنياسى»دا، 5000 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن بوشلۇققا 100 خىلدىن ئارتۇق ماشىنا ئادەم مەھسۇلاتى توپلانغان بولۇپ، 50 نەچچە ئەمەلىي قوللىنىش مۇھىتى سىستېمىلىق نامايان قىلىنغان: سېنزورنى بېغىشىڭىزغا تاقىسىڭىزلا، «جۇڭيى ماشىنا ئادەم دوختۇرى» تومۇرىڭىزنى تۇتۇپ كېسەل كۆرۈپ، ساغلاملىق دوكلاتى شەكىللەندۈرىدۇ، قوشۇمچە تەڭشەش لايىھەسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ؛ سەھنىدە، ماشىنا ئادەم مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى كىشىلەرنى يېپيېڭى تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ... دۇكان مەسئۇلى فاڭ يىجېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا، دۇكىنىمىز بىر كۈندە ئون نەچچە كوللېكتىپنى كۈتۈۋالىدۇ.» ئۇلار يەنە توردا «بىر بېكەت شەكلىدىكى زاكازلىق ئىجارە بېرىش-سېتىش تىجارەت سۇپىسى»نى يولغا قويغان.

بۇ خىل «ئاۋۋال سىناپ ئاندىن سېتىۋېلىش، ئىجارىگە ئېلىشقا بولۇش، زاكاز قىلىشقا بولۇش»تەك دۇكان ئەندىزىسى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ماشىنا ئادەم ئىشلىتىش چەكلىمىسىنى تۆۋەنلەتتى.

كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان بىر قاتار ئەمەلىي قوللىنىش مۇھىتى ئارقىسىغا خۇنەننىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن ماشىنا ئادەم كەسپى ئىقتىدارى يوشۇرۇنغان.

ماشىنا ئادەم پۇتبول تەپمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

چاڭشا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى خۇنەن جۈشېن ئاقىل يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدە، ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ماشىنا ئادەملەر تەقلىدىي مەيداندا ئەمەلىي مەشىق قىلىدۇ: ئۇلار چىملىق مەيداندا پۇتبول ئوينايدۇ، مال جازىسى ئالدىدا تۇرۇپ تاۋارلارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە تۇتۇشنى ئۆگىنىدۇ، مېھمانخانا ئۆينى تازىلايدۇ، ياشانغانلارغا ھەمراھ بولىدۇ، بالىلارغا قارايدۇ. بۇ مەركەزنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«بۇ خىل كۆرۈنۈشلەشتۈرۈپ ئەمەلىي مەشىق قىلىش ئارقىلىق، ماشىنا ئادەملەرنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقى، تاكتىكا جەھەتتىكى ھەمكارلىشىشى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى نۇقتىلىق سىناپ، سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئاقىللاشتۇرىمىز.»

نۆۋەتتە، خۇنەننىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىكى يادرولۇق كەسىپ كارخانىلىرىنىڭ سانى 400 دىن ئاشتى، 2025-يىلى كەسىپ تىجارەت كىرىمى تەخمىنەن 85 مىليارد يۈەن بولدى؛ پۈتۈن ئۆلكە بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئاقىل ياسىمىچىلىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش زاۋۇتىدىن 24 ى، مۇنەۋۋەر قوللىنىش مۇھىتىدىن 69 ى يېتىشتۈرۈلدى؛ ئۆلكە ئىچىدىكى 11 چوڭ مودېل دۆلەتنىڭ ئەنگە ئېلىشىدىن ئۆتۈپ، سان جەھەتتە ئوتتۇرا قىسىم رايونى بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى.

مەھەللىدىكى شاھمات ماشىنا ئادىمىدىن، «ئېھتىياجغا ئاساسەن زاكاز قىلغىلى بولىدىغان» سىناپ ھېس قىلىش دۇكىنىغىچە، يەنە «تەتقىق قىلىپ ئېچىش − ياساش − قوللىنىش – مۇلازىمەت قىلىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقىل ماشىنا ئادەم كەسىپ زەنجىرىگىچە، بۇ خىل خېرىدارلارنىڭ تەسىراتىنى مەركەز قىلغان ماشىنا ئادەم ئىستېمالىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى خۇنەندە بىخ سۈرۈپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئاستا-ئاستا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرمەكتە. (مۇخبىرلار كۇاڭ يىڭ، ليۇ بىن، ۋۇ چيەنۋېي، شياڭ يۈ)

خۇنەن جۈشېن ئاقىل يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ كۆرگەزمە سۇپىسىغا قويۇلغان مېخانىك قوللار. خەلق تورى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

ماشىنا ئادەملەر مۇزىكا ئەترىتى. خەلق تورى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

چامباشچىلىق سەھنىسىدىكى ماشىنا ئادەم. خەلق تورى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ