شياڭگاڭ بىلەن ئۆزبېكىستان ئۆزئارا 30 كۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلماقچى

2026.06.04 15:49 مەنبە: خەلق تورى

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە ئۆزبېكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى سەيىدوف بىلەن كۆرۈشكەن. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەپسىلاتى ئۈستىدە كېڭىشىپ، ئىككى تەرەپ يولۇچىلىرىنىڭ ۋىزىسىز 30 كۈن تۇرۇشىغا قوشۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ