
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا تور يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى مەخسۇس ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سېتىلىش مىقدارى كۆپ، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان قورۇما تۈرى، ئۇششاق يېمەكلىك، تېز تاماق تۈرى، ئاساسىي تاماق تۈرى، ئىچىملىك تۈرى، تاتلىق-تۈرۈم تۈرى، كاۋاپ تۈرى، خوگو تۈرىدىن ئىبارەت يەتتە چوڭ تۈردىكى تور يېمەك-ئىچمەكلىرى ۋە ئالاقىدار يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تور يېمەك-ئىچمەكلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مەخسۇس ئارىلاپ تەكشۈرۈش تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ قانات يايدۇرۇلغان. توردا مېيتۈەن، تاۋباۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىق 14 تور سۇپىسىنى، تور سىرتىدا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق 24 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرنى قاپلىغان بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك يەتكۈزۈپ بېرىدىغان 875 ئورۇنغا چېتىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى مەخسۇس ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە جەمئىي 1307 تۈركۈم قېتىم نازارەت قىلىش-ئارىلاپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، يېمەكلىك خۇرۇچىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، دېھقانچىلىق، ھايۋانات دورىلىرى قالدۇقى قاتارلىق يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرلەر نۇقتىلىق رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەن، ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى %2.3 بولغان، تور يېمەك-ئىچمەكلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولغان. يېمەك-ئىچمەكلەر ئىچىدىكى ئۆزى مايدا پىشۇرغان گۆش تۈرى، پېچىنە-پىرەنىك، سوغۇق سەي تۈرى قاتارلىق يېمەكلىكلەر لاياقەتلىك چىققان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ