
مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ 2026-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بويىچە پاش قىلىش تېلېفونىنى بىرتۇتاش ئېلان قىلغان بولۇپ، كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ 2026-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا چېتىلىدىغان مەسىلە يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا پاش قىلىشى، ئىنكاس قىلىشىنى قارشى ئالىدىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پاش قىلىنغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن دەرھال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قەتئىي قوغدايدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ