
مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 12 مىليون 900 مىڭ بولۇپ، 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىمتىھان باشلىنىدىكەن.
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات خىزمىتىگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنداق تەكىتلىدى: ساختا تەشۋىق قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ۋەدە بېرىش، «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەلىيۇلئەلا بولغانلار»، «يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلار»، «ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى» دېگەنلەرنى ھەرقانداق شەكىلدە كۆپتۈرۈشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى «بىر ۋاراق قەغەز» ھالىتىگە قايتۇرۇپ كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ھەشەمەتلەشتۈرۈۋېتىش، يېڭى ئوقۇغۇچىلار سوۋغاتلىقى دېگەندەك ناچار كەيپىياتلارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ