«جۇڭگو مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ» (باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى)

2026.06.04 15:44 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز ۋاڭ شياۋبو، چۈ پېي

زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگو خەلقىنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى.

«جۇڭگو مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. » «بىزدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش ئىرادىسى بار، شۇنداقلا يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان كەڭ قورساقلىق بار بولۇپ، ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇس، ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم بايانلار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىدە يىلتىز تارتقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى كەڭ قورساقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئورتاق بېيىشقا پۇختا قەدەم بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىش نىشان-تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، شۇنداقلا دۇنيانى بىر پارچە «پۇرسەت تىزىملىكى» بىلەن تەمىنلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئۇدا ئۈچ يىل 13 مىڭ دوللاردىن ئاشۇرۇپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش-سەھىيە سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ..جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرمۇ ئادەمنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمىدى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيانى جانلىق ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى.

خەلققە رىشتە باغلاپ، جاھاننى قەلبكە پۈكۈش. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھېچكىم تارتىۋالالمايدىغان ھوقۇقى»، «ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى دەل بىزنىڭ ئىنتىلىشىمىز.»

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىچ باغلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولىدۇ.

− جۇڭگو-ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ، ئادىل، مۇۋاپىق، ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق پايدا ئالىدىغان، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، كۆپ مەنبەلىك، سىغدۇرۇشچان، ئېكولوگىيەسى دوستانە، تىنچ، بىخەتەر زامانىۋىلىشىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 دۆلەتكە تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «يېشىل يول»نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئافرىقىدىن جۇڭگوغا كىرگۈزۈلىدىغان مەھسۇلاتلار ئىجازىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. سودىنى گۈللەندۈرۈش، كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ھەمراھلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئافرىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

− جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق زامانىۋىلىشىشنى ئالغا سىلجىتتى. جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى، جۇڭگو-تاجىكىستان تاشيولى، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى، لۇبەن ھۈنەرخانىسى قاتارلىق تۈرلەردە جۇغراپىيە ۋە تېخنىكا توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، رايوننىڭ زامانىۋىلىشىشتىكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەردى.

− جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئالماشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم «كىچىك ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەش، نامراتلارنى ئازايتىش تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئورتاق تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساسنى مۇستەھكەملىدى.

− ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن «بەش چوڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسى» بەرپا قىلىش، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرى بىلەن «ئالتە چوڭ ھەمكارلىق سۇپىسى» قۇرۇش، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان بارلىق دۆلەتلەرگە %100 باج تۈرىدىكى مەھسۇلاتلاردىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق ئىمتىيازى بېرىش... زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا، «جۇڭگو خەلقى ئۆزىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭ تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى دۇنياۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈردى؛ دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى خەلقئارا تالاش-تارتىشلارنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، تەرەققىيات ئۈچۈن مۇقىم مۇھىت يارىتىپ بەردى؛ دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى مەدەنىيلىكلەرنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، زامانىۋىلىشىشتىكى يول تاللىشىنى بېيىتتى؛ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى ئىسلاھات ئارقىلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن بەھرىمەن قىلدى.

تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا ئېنىقلىق قوشۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ كۈچلۈك تۈرتكىلىك كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، ھەر بىر دۆلەت، ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر كىشىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىگە ئىنكاس قايتۇردى.

2024-يىل 11-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پېرۇدىكى چيەنكەي پورتىنىڭ ئېچىلىشىغا گۇۋاھ بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ زامانىۋى پورت جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى يېڭى تۈگۈنگە ئايلانماقتا؛

2025-يىلى ئەتىيازدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كامبودژا رەھبىرى بىلەن ھەمكارلىق زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى»، «بېلىق ـ گۈرۈچ كارىدورى» ۋە فۇنەن تېكو ئۇنىۋېرسال سۇچىلىق تۈرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق ئىككى دۆلەتتىكى كەڭ خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزىدۇ؛

2025-يىل 10 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى كۆڭۈل بۆلگەن ۋە تۈرتكە بولغان تۈر − ۋېنگىرىيە ـ سېربىيە تۆمۈريولىنىڭ سېربىيە بۆلىكىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، سېربىيەنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى.

2026-يىل 5-ئايدا، جۇڭگو 53 دۆلەت، توققۇز خەلقئارا ئاپپارات بىلەن دۇنياۋى نامراتلارنى ئازايتىش ۋە تەرەققىيات ھەمراھلىرى ئىتتىپاقىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ نامراتلىق بولمىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، دۇنياۋى نامراتلارنى ئازايتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

كىچىك ئېقىنلار قوشۇلۇپ دېڭىزنى ھاسىل قىلىدۇ، سانسىز يۇلتۇزلار سامانيولىنى يورۇتىدۇ. جۇڭگو تەشەببۇسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى، ھەربىر جانلىق زامانىۋىلاشتۇرۇش ھېكايىسى دۇنيانى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك كارتىنىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقتى.

«ھەرقانداق ۋاقىتتا، بىز خەلقنىڭ قەلبىنى مەركەز قىلىپ، دۇنيانىڭ مەنپەئەتىنى مەنپەئەت دەپ بىلىپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشىمىز كېرەك.»

جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، خاسلىققا ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان دەۋر دولقۇنى قىلىپ مۇجەسسەملەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ