
گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى لى زېڭخۇي، جياڭ فېڭ، ليۇ شىنۋۇ
يورۇقلۇق ئېنېرگىيەلىك ئۆگزىلەردە نۇر چاقناپ تۇراتتى، چوڭ ئېكراندىكى سانلىق مەلۇماتلار ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇراتتى، تەخمىنەن 3000 ماشىنا ئادەم دەل جايىدا ھەمكارلىشاتتى. ..6-ئاينىڭ بېشىدىكى چۇڭچىڭ سەيلىسى دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇتىدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار ئارقا-ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىلىۋاتاتتى، ئىشلار ئالدىراش ھەم تەرتىپلىك ئىدى.
ئاپتوموبىل «كەسىپ چوڭ مېڭىسى»گە تايىنىپ، سەيلىسى گۇرۇھى ماسلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ يارىتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يوللاش-ئىشلەپچىقىرىش، ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش بىلەن سېتىشتىن كېيىنكى يۈرۈشتۈرۈش-ئاسراش بىر گەۋدىلەشكەن سىستېما بەرپا قىلىپ، 300 دىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھەمراھىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى %10 تىن ئارتۇق ئۆستۈردى، يەنە 14 تەمىنات زەنجىرى كارخانىسىنىڭ رەقەملىك-ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
2024-يىل 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «چۇڭچىڭنىڭ ياسىمىچىلىق ئاساسى بىرقەدەر ياخشى، پەن ـ مائارىپ ئىختىساسلىقلار بايلىقى مول، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. » «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك».
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چۇڭچىڭ كەسىپ توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئامىل زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكا بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ھالقىغان ھەمكارلىققا يۇغۇرما تۈرتكە بولۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، چۇڭچىڭ 12 كەسىپنىڭ «كەسىپ چوڭ مېڭىسى» ۋە 11 ئىنچىكە ئايرىلغان كەسىپنىڭ «كەسىپ چوڭ مېڭىسى»نى تورغا چىقىرىپ يۈرۈشتۈردى.
«ياسىمىچىلىق+مۇلازىمەت»، ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلۇپ بوشلۇقنى كېڭەيتىش −
چۇڭچىڭ مېيدى تۇڭيۇڭ سوۋۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا، چوڭ تىپتىكى مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلدى. «كارخانىنىڭ پايدا ئېلىش نۇقتىسى پەقەت ئۈسكۈنە سېتىشلا ئەمەس. ئىلگىرى <بىر قېتىملىق سودا> ئاساس ئىدى، ھازىر يەنە مۇلازىمەت ۋە ھەل قىلىش لايىھەسىنى سېتىپ، مۇلازىمەت كىرىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى يىلدىن ـ يىلغا ئاشۇردى» دېدى شىركەتنىڭ ئاممىۋى ئىشلار دېرىكتورى تېڭ يۈ.
چوڭ تىپتىكى ئىمارەت، سانائەت زاۋۇت ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، شىركەت پۈتۈن جەريانلىق سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا تايىنىپ، زاكازلاشقان سىستېما لايىھەلەش، ئاقىل يۈرۈشتۈرۈش- ئاسراش، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ھەم خېرىدارلارنىڭ مايىللىقىنى كۈچەيتتى، ھەم كارخانىنى ئۈسكۈنە ياساش سودىگىرىدىن ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە مۇلازىمەت سودىگىرىگە ئۆزگەرتتى.
دىققەتنى ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چۇڭچىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپى بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، قوش يۆنىلىشلىك كۈچ قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم «ياسىمىچىلىق + مۇلازىمەت» ئۈلگىلىك كارخانىلىرىنى يېتىلدۈردى. 2025 - يىلى، چۇڭچىڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سانائەتنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى تەخمىنەن %30 بولدى.
«رەقەملىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق + ئەمەلىي گەۋدە»، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش −
خىزمەتچى خادىم ئېكراننى يېنىك چەكسىلا، چۆللۈك، چوڭقۇر دېڭىز، شەھەر كوچا مەنزىرىسى تەخمىنەن 800 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ياي شەكىللىك مەۋھۇم سۈرەتكە ئېلىش ئېكرانىدا ھەر ۋاقىت ئالمىشىپ تۇرىدۇ، بىر ئاپتوموبىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تاغ-دېڭىزلار ئارىسىدا «موكىدەك» ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. ..بۇ يەر يۇڭچۇەن پەن-تېخنىكا فىلىم ئىشلەش مەيدانى. «سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى+مەۋھۇم سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى چوڭ كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتتى، نۆۋەتتە پەن-تېخنىكىلىق فىلىم ئىشلەش مەيدانى كىنو-تېلېۋىزىيە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىجارىگە بېرىش، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلەش قاتارلىق يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىندىكى 170 تىن ئارتۇق كارخانىنى جەلپ قىلدى» دېدى داۋا پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى چېن لياڭ تونۇشتۇرۇپ.
رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تېخنىكا ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشتى. ھازىرغا قەدەر، چۇڭچىڭ سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، 10 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىنىڭ رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تىپ ئۆزگەرتىشىگە كۈچ قوشۇپ، رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان سېختىن 1231 نى قۇرۇپ چىقتى. 2025-يىلى، چۇڭچىڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد يادرولۇق كەسىپلىرى قوشۇلما قىممىتىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %10 كە يەتتى.
«زەنجىر + رايون»، ماس يۇغۇرۇلۇپ توپنى كۈچەيتىش−
كەسىپلەر ماسلىشىش ئارقىلىق بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملىدى، رايونلار يۇغۇرۇلۇپ بوشلۇقنى كېڭەيتتى. چۇڭچىڭ كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنىنىڭ تۇتىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ كەسىپلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا تايىنىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئورتاق پايدا ئېلىش كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلدى.
زەنجىرسىمان شەكىلدە ماسلىشىش، ئايلانما بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش. چۇڭچىڭ پولات - تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتى يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلارنىڭ كەسىپ زەنجىرى، ئېكولوگىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلىشىغا ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ياسىمىچىلىقنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئورتاق ئۆستۈردى. بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە، شىركەت جەمئىي 41 مىليون 980 مىڭ يۈەن ئۈنۈم يارىتىپ، تەخمىنەن 10 مىڭ توننا كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ قوش ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
چېڭدۇ-چۇڭچىڭ يۇغۇرۇلۇپ، ئېگىزلىكنى ئورتاق بەرپا قىلدى. ئىككى جاي چېڭدۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، چۇڭچىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنى مۇھىم تىرەك جاي قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق تىرىليون يۈەن دەرىجىلىك كەسىپلەر توپىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. چۇڭچىڭنىڭ رۇڭچاڭ، تۇڭنەن رايونى سىچۈەننىڭ نېيجياڭ، سۈينىڭ قاتارلىق قوشنا رايونلىرى بىلەن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى.
ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانى تۇتاشتۇرۇش. جياڭجىن تۈگۈن پورتى كەسىپلەر باغچىسىدا سىچۈەن يىبىندا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر تۈركۈم ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى چاڭجياڭ دەرياسى ئارقىلىق توشۇپ كېلىنىپ، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى نۆۋەتچى پويىزىغا ئالمىشىپ، گۇاڭشىدىن دېڭىزغا چىقىدۇ. رايونلار قول تۇتۇشۇپ ھەمتۈرتكە بولغاچقا، چۇڭچىڭنىڭ دۇنياۋى بازارغا يۈزلىنىش قەدىمى تېخىمۇ پۇختا بولدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، يۇغۇرۇلۇشنى زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، چۇڭچىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىلغار ياسىمىچىلىق مەركىزى ۋە مەملىكەت بويىچە تەسىر كۈچكە ئىگە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىپ، «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ باشلىنىش يىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى جاۋاب قەغىزىنى تىرىشىپ تاپشۇرماقتا.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ