«شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتى» قاتارلىق ھۆججەتلىك فىلىملەر لائوستا كۆرسىتىلىشكە باشلىدى

2026.06.04 15:40 مەنبە: خەلق تورى

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتى» «يول باشلاش(خەلقئارا نۇسخىسى)» «قەدىمىي كىتابتىكى يېڭى ئىدىيە» قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئۈچ ھۆججەتلىك فىلىمى لائوس دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق لائوسنىڭ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلىشكە باشلىدى. لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پىروگراممىنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

تۇڭلۇن تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتى» قاتارلىق ھۆججەتلىك فىلىملەرگە جۇڭگونىڭ پەلسەپە ئىدىيەسى ۋە ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە چوڭقۇر، قىزغىن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق ئۇزاق مەدەنىيلىك تارىخىغا بولغان چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان چەكسىز قىزغىن مۇھەببىتى نامايان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆججەتلىك فىلىملەردە يەنە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مىللەتنىڭ يىلتىزى ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. بۇ، لائوسنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، لائوسنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىدا ئىنتايىن ياخشى ئۆرنەك ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىل جۇڭگو - لائوس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو - لائوس ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە باشلىغان «جۇڭگو - لائوس دوستلۇق يىلى». 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى لائوسنىڭ ۋىيېنتياندا كۆرسىتىشنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتى» «يول باشلاش(خەلقئارا نۇسخىسى)» «قەدىمىي كىتابتىكى يېڭى ئىدىيە» قاتارلىق ئۈچ ھۆججەتلىك فىلىم لائوس دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، لائوس دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى، لائوس دۆلەت رادىيو ئىستانسىسى ۋە ۋىيېنتيان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن تارقىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ