
«ئاقسۇ بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش» ۋېيشىن سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئەھۋال توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: يېقىندا، تور سۇپىسىدا ئىنكاس قىلىنغان بۇ تەۋەلىك رايونىدىكى ئالتۇن سېتىۋېلىش دۇكىنىنىڭ ئۆلچەشتە ساختىلىق قىلىش، كەم جىڭلاپ بېرىشكە چېتىشلىق ئالاقىدار ئاممىۋى پىكىر جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. توردا ئاشكارىلانغان مەسىلىگە قارىتا، گۇڭئەن تارماقلىرى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. نۆۋەتتە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆلچەمنى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەملەشتى. ئالاقىدار تىجارەت سۇبيېكتلىرى جەزمەن قانۇن-نىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، سەمىمىي، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىشى كېرەك.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق بىلدۈردى: كەسىپ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە ئالتۇن سېتىۋېلىش ساھەسىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆلچەشتە ساختىلىق قىلىش، گىرام ئېغىرلىقىنى ساختا بەلگىلەش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار تىجارەت سۇبيېكتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىنى تۈزىتىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىشى كېرەك. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، قايتا-قايتا تەكشۈرۈلسىمۇ ئۆزگەرتمىگەن تىجارەت سۇبيېكتلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ھەمدە ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ