ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو | چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ كېچە مەنزىرىسى تاماشا قىلسىڭىز، ھەممە يەردە تاسادىپىي گۈزەللىكلەرنى ئۇچرىتالايسىز

2026.06.03 14:29 مەنبە: خەلق تورى

ۋۇخەندىكى «سىرداش» ناملىق پويىزغا يىراقتىن نەزەر. خەلق تورى مۇخبىرى جوۋ ۋېن فوتوسى

ساياھەتچىلەر مەنزىرە ئىچىگە چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇندىن ھوزۇرلانماقتا. خەلق تورىدىن پېڭ يۈندى فوتوسى

ۋۇخەندىكى ئىككى دەريانىڭ تۆت قىرغىقىنىڭ كېچە مەنزىرىسى. خەلق تورى مۇخبىرى جوۋ ۋېن فوتوسى

ساياھەتچىلەر پاراخوتتا مەنزىرە ئىچىگە چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇندىن ھوزۇرلانماقتا. خەلق تورى، پېڭ يۈندى فوتوسى

ساياھەتچىلەر ئويۇن كۆرۈنۈشىگە ئەگىشىپ كۆرۈنۈش ئالماشتۇرماقتا. خەلق تورىدىن پېڭ يۈندى فوتوسى

ساياھەتچىلەر پاراخوتنىڭ پالۇبىسىدا تۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى تاماشا قىلماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى جوۋ ۋېن فوتوسى

گۇگۇم چۈشۈشكە باشلىغاندا، ۋۇخەندىكى ئىككى دەريانىڭ تۆت قىرغىقىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى، چاڭجياڭ دەرياسىدىكى چىراغ نۇرلىرى كۆزنى چاقنىتاتتى. يېقىندا، خەلق تورى «ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو» سەھىپىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش-زىيارەت ئۆمىكى ۋۇخەندىكى «سىرداش» ناملىق پاراخوتقا چىقىپ، ۋۇخەننىڭ چوڭ دەريانى پەردە، شەھەرنى مەنزىرە قىلغان مەنزىرە ئىچىگە چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىگە تايىنىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى كېچىلىك ساياھەت قىلىش ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى سىجىل جانلاندۇرغانلىقىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى.

ساياھەتچىلەر كارىدورلۇق كۆۋرۈككە قەدەم قويغان پەيتتە، ئۆزىنى بۈيۈك خەنكوۋ-چاڭجياڭ مەدەنىيىتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان كۆپ ئۆلچەملىك تىياتىر ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ. 100 مىنۇتتىن ئارتۇق مەنزىرىگە چۆكۈش شەكلىدىكى ھەقىقىي مەنزىرە ئويۇنى «ھەممىلا يەردە تاسادىپىي گۈزەللىكلەرنى ئۇچرىتالايسىز» دېگەن ھېسسىيات تەسۋىرى ۋە «ئۇچراتقىنىڭىزنىڭ ھەممىسى تىياتىردىكى ئادەملەر» دېگەن ئۆزگىچە ھېس قىلىشقا تايىنىپ، كونا ۋۇخەن شەھىرىدىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە، پىرىستان مەنزىرىسى بىلەن 100 يىللىق دەريا شەھىرىنىڭ ئادىمىيەت قىياپىتىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، قەدەمدە بىر مەنزىرە ئالماشتۇرۇپ، قەدەمدە بىر تىياتىر ئىچىگە باشلاپ كىرىپ، ساياھەتچىلەرگە دەريا شەھىرىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئاساسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ.

بۇ يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، «سىرداش» ناملىق پاراخوت تۇنجى قېتىملىق سەپىرىنىڭ توققۇز يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. توققۇز يىلدىن بۇيان، پاراخوتتا جەمئىي 3000 مەيدانغا يېقىن ئويۇن قويۇلۇپ، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 1 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. بۇ جاي ھەم سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ دەريا شەھىرىدىكى ئالقىشلىق قىزىق نۇقتا بەلگىسى، ھەم ۋۇخەن شەھەر ئاھالىلىرى خۇشال-خۇرام بايرام ئۆتكۈزىدىغان، گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى خاتىرىلەيدىغان ئىللىق جايغا ئايلاندى. بۇ يىل «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، «سىرداش» ناملىق پاراخوت 13 مىڭ 300 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئاشتى، مەدەنىيەت-ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل ئاشتى.

يەككە نۇقتىلىق ئويۇن قويۇش يەر بەلگىسىدىن پۈتۈن رايون مەدەنىيەت-ساياھىتىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلىنىشقىچە، بۈگۈنكى كۈندىكى «سىرداش» ناملىق پاراخوت خۇاڭخې راۋىقى، دۇڭخۇ كۆلى قاتارلىق شەھەرنىڭ كىلاسسىك مەدەنىيەت-ساياھەت IP سى بىلەن ماسلىشىپ، مەرۋايىتتەك تىزىلىپ زەنجىر ھاسىل قىلىپ، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سېپىنى بېيىتىپ، «كۈندۈزى شەھەر مەدەنىيەت لىنىيەسىنى ئايلىنىش، كېچىسى چاڭجياڭ دەرياسى مەنزىرىسىنى ساياھەت قىلىش»تەك چەكلىمىسىز، ئىستېرېئولۇق ساياھەت قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

مەنزىرىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالىنى جانلاندۇرۇپ، كېچە ئىقتىسادى ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئىككى دەريانىڭ تۆت قىرغىقىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ، «سىرداش» ناملىق مەنزىرىگە چۆكۈش شەكىلدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت-ساياھەت-ئىستېمال مەنزىرىسى، ئىستېمال مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتتى، ۋۇخەن مەدەنىيەت-ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى سەيلە-ساياھەتتىن چوڭقۇر چۆكۈش شەكىلدىكى ھېس قىلىشقا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر مەدەنىيەت-ساياھىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۇزاق مۇددەتلىك قۇۋۋەتكە ئىگە قىلدى. (جوۋ ۋېن، پېڭ يۈندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ