
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا 2026-يىللىق بالا بېقىش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۈچۈن 99 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ چۈشۈرگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %10.6 ئاشقان، ھەرقايسى جايلارنىڭ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بوۋاقلار، بالىلارغا بالا بېقىش ياردەم پۇلى تارقىتىشىنى قوللايدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن يىلدا ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر جەمئىي 110 مىليارد يۈەن ياردەم پۇل مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
نۆۋەتتە، 2026-يىللىق بالا بېقىش ياردەم پۇل تولۇقلىمىسى تارقىتىش خىزمىتى مۇقىم، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋېتىپتۇ. ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرى بالا بېقىش ياردەم پۇلىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ تارقىتىشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدىكەن، پىرىنسىپ جەھەتتە ھەر پەسىلدە ئاز دېگەندە بىر تۈركۈمنى مەركەزلىك تارقىتىدىكەن؛ ئالدىنقى پەسىلدە تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن ئىلتىماسلارغا مۇشۇ پەسىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن دەل جايىدا تارقىتىشى كېرەك ئىكەن. مالىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن داۋاملىق بىرلىكتە بالا بېقىش ياردەم پۇل تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەبلەغ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۇغۇت سۆيەر جەمئىيەت قۇرۇشقا كۈچ قوشىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ