نورۋېگىيە دېڭىز تەۋەسىدە 18-ئەسىردە چۆكۈپ كەتكەن كېمە بايقالدى، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن فارفۇر بۇيۇملىرى قايتىدىن يورۇقلۇققا چىقتى

2026.06.03 14:25 مەنبە: خەلق تورى

بۇ، 2026-يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى نورۋېگىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سىكاگراك دېڭىز بوغۇزىدا سۈرەتكە ئېلىنغان چۆكۈپ كەتكەن كېمە ئىچىدىكى جۇڭگونىڭ فارفۇر بۇيۇملىرى.

نورۋېگىيەنىڭ ئارخېئولوگلىرى يېقىندا بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە 18-ئەسىردە چۆكۈپ كەتكەن بىر كېمىنى بايقاپ، كېمىدىن مۇكەممەل ساقلانغان نۇرغۇن جۇڭگو فارفۇر بۇيۇملىرىنى سۈزۈپ چىققان ھەمدە ئۇنىڭغا «چۆكۈپ كەتكەن فارفۇر بۇيۇم كېمىسى» دەپ نام بەرگەن. ئارخېئولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە، شىمالىي ياۋروپا رايونىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنىڭغا سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان چۆكۈپ كەتكەن كېمە خەزىنىسى بايقالمىغانىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ