
مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ سېتىلىدىغان جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ يولۇچىلار بېلىتى يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى تۆۋەنلىتىلىدىكەن.
كونكرېت ئۆلچىمى: 800 كىلومېتىر (800 كىلومېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ ھەربىر بۆلىكىگە 80 يۈەن، 800 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ ھەربىر بۆلىكىگە 150 يۈەن ئېلىنىدۇ. بوۋاق يولۇچىلاردىن يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئېلىنمايدۇ، بالىلار، ئىنقىلابىي مېيىپ ھەربىيلەر، خىزمەت ئۈستىدە مېيىپ بولغان خەلق ساقچىلىرىدىن يولۇچىلار بېلىتى يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى يېرىم كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرغاندا، 800 كىلومېتىر (800 كىلومېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ 10 يۈەن، 800 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ 20 يۈەن تۆۋەنلىتىلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ