يەككە مۇساپىلىك ئۇچۇش ۋاقتى تەخمىنەن سەككىز سائەت، ئۈرۈمچى-فىرانكفورت خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

2026.06.02 14:44 مەنبە: خەلق تورى

6 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى سائەت 15 تىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ CZ 6041 نۆۋەتچى ئايروپىلانى 228 يولۇچىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىدىن فىرانكفورتقا قاراپ ئۇچتى، گۇاڭجوۋ-ئۈرۈمچى-فىرانكفورت خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى گېرمانىيەگە بىۋاسىتە بارىدىغان تۇنجى خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

«شىنجاڭدىن گېرمانىيەنىڭ فىرانكفورتقا بىۋاسىتە ئۇچۇپ بېرىپ كېلىشتە ئون سائەت ۋاقىت تېجىلىپ، سەپەرگە چىقىش زور دەرىجىدە قولايلاشتى، ئىلگىرى بېيجىڭدىن تاق مۇساپىگە ئون نەچچە سائەت كېتەتتى» دېدى تۇنجى نۆۋەتلىك ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچى فەن جيەنشىن چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ