دۆلىتىمىزدىكى بالىلارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى

2026.06.02 14:46 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە بالىلارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، كۆپ تۈرلۈك بالىلار ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ بالىلار ساغلاملىقى خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان، قاتلىمى ئېنىق، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان بالىلار ساغلاملىقى مۇلازىمەت تورى تېز بەرپا قىلىندى، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىلىك، 3-دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدىن 4845 ى، 2-دەرىجىلىك، 3-دەرىجىلىك ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلاش دوختۇرخانىسىدىن 1763 ى ھەمدە ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىدىن 40 مىڭى بالىلار كېسەللىكلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ داۋالىنىشقا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى يەنىمۇ ئۆستى. 2025-يىلى دۆلىتىمىزدە بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ‰3.8غا، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ‰5.4غا تۆۋەنلىدى، بۇ ئىككى كۆرسەتكۈچنىڭ ھەممىسى دۇنيادىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ