
ھازىر ياز پەسلى كىردى، نۇرغۇن جايلاردا تېمپېراتۇرا ئۇدا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشتى، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-كۈنىگىچە، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبى، شىمالىدىكى نۇرغۇن جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى يەنە تەدرىجىي كۆپىيىدۇ. پىژغىرىم ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچ نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ سالقىنلاشتىكى «مۇتلەق ئېھتىياج»ىغا ئايلاندى. ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ كەيگۇەنىگە كەلسەك، بەزىلەر قىسقا ۋاقىت سىرتقا چىققاندا، مەسىلەن، بىنادىن چۈشۈپ تېز يوللانما ئالغاندا، سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېتىۋېتىپ، بىردەمدىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ يەنە داۋاملىق ئاچىدۇ. بۇنداق ئۇسۇلدا توك تېجىگىلى بولامدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھاۋا تەڭشىگۈچنى قايتا قوزغاتقاندا كېتىدىغان توك سەرپىياتى 20 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە ئوچۇق تۇرغانغا باراۋەر كېلىدىكەن. ئەگەر سىرتقا چىقىش ۋاقتى بىر سائەتكە يەتمىسە، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېتىۋەتمەي، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 1 سېلسىيە گىرادۇستىن 2 سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى تەڭشەپ قويسا بولىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ