ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو | جياڭشى يۇڭشيۇ: كىچىك راك چوڭ بازارغا يۈزلەندى

2026.06.02 14:36 مەنبە: خەلق تورى

يۇڭشيۇ ناھىيەسىنىڭ تۇبۇ بازىرىدىكى راك-شال بىللە پەرۋىش قىلىنىدىغان بىر سۇلۇق ئېتىزدا، راكچى دېھقانلار راك تۇتماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى شى يۈ فوتوسى

خەلق تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنى يۇڭشيۇدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (مۇخبىر شى يۈ) يېقىندا، جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى يۇڭشيۇ ناھىيەسى تۇبۇ بازىرىدىكى راك-شال بىللە پەرۋىش قىلىنىدىغان بىر سۇلۇق ئېتىزدا، راكچى دېھقانلار كىچىك كېمىنى ھەيدەپ كىچىك راكلارنى تۇتۇۋاتاتتى. يېڭىدىن تۇتۇلغان بۇ راكلار بىرىنچى ۋاقىتتا جياڭشى راك سودا مەركىزىگە يۆتكەپ توشۇلۇپ، ئايرىپ ئوراپ قاچىلانغاندىن كېيىن، ئەشيا ئوبوروتى تېز پويىزى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بازارلارغا توشۇلىدۇ.

شۇ جاينىڭ خاس، ئەۋزەل كەسپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇڭشيۇ ناھىيەسى شال-راك باقمىچىلىق كۆلىمىنى 300 مىڭ مودىن ئاشۇرۇپ، تۇتاش كۆلىمى 10 مىڭ مودىن ئاشىدىغان بازىدىن ئالتىنى، 1000 مودىن ئاشىدىغان بازىدىن 30 نەچچىنى قۇردى. شال-راك باقمىچىلىقى ئەتىياز پەسلىدە راك بېقىپ، راكلارنىڭ قالدۇق يەمچۈكلىرى، چىقىرىندىلىرىنى ئېتىزغا تەبىئىي قايتۇرۇش ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك ئورگانىك ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇشنى؛ شال ئۆسۈۋاتقان مەزگىلدە يەنە كېيىنكى نۆۋەتلىك راك بېقىش ئۈچۈن سۇ سۈپىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىشنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىىشنى كۆرسىتىدۇ.

«بىر خىل سۇدىن ئىككى خىل پايدىلىنىپ، بىر خىل ئېتىزدىن قوش ھوسۇل ئېلىندى»، نوقۇل شال تېرىشقا سېلىشتۇرغاندا، ھەر مو يەرنىڭ كىرىمى 1000 يۈەندىن ئارتۇق ئېشىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ يىللىق كىچىك راك ھوسۇلى 45 مىڭ توننىدىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىملاشتى.

يۇڭشيۇ ناھىيەسى جياڭشى راك سودا مەركىزىنىڭ «شياگۇ تېز توشۇش كەسپى»گە تايىنىپ، 15 ئەشيا ئوبوروتى مەخسۇس لىنىيەسى ئېچىپ، يېڭى، تىرىك كىچىك راكلارنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 100 دىن ئارتۇق شەھەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزەلەيدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سودا مەركىزى كىچىك راكلارنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى جەلپ قىلىپ، كۈندىلىك پىششىقلاش ئىقتىدارىنى 300 توننىغا يەتكۈزدى، يېڭى، تىرىك كىچىك راكلار پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق راك قۇيرۇقى، سۇيۇق ئازوتلۇق سۈزۈك سۇ راكى قاتارلىق ئالدىن ياسالغان مەھسۇلاتلارغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشتىكى «پەسىل چەكلىمىسى»دىن ئىبارەت قىيىن مەسىلە ھەل قىلىندى.

بۈگۈنكى كۈندە، شال-راك كەسپى يۇڭشيۇ ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلىنىپ، 150 مىڭ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نەپكە ئېرىشىشىگە بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

يۇڭشيۇ ناھىيەسىنىڭ تۇبۇ بازىرىدىكى راك-شال بىللە پەرۋىش قىلىنىدىغان بىر سۇلۇق ئېتىزدا، راكچى دېھقانلار راك تۇتماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى شى يۈ فوتوسى

يۇڭشيۇ ناھىيەسىنىڭ تۇبۇ بازىرىدىكى راك بىلەن شال بىللە ئۆسىدىغان بىر سۇلۇق ئېتىزدا، راكچى دېھقانلار راك تۇتماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى شى يۈ فوتوسى

يۇڭشيۇ ناھىيەسى جياڭشى راك سودا مەركىزىدە، خىزمەتچى خادىملار راكلارنى ئايرىماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى شى يۈ فوتوسى

يۇڭشيۇ ناھىيەسى جياڭشى شياۋلۇڭشيا سودا مەركىزىدە، خىزمەتچى خادىملار راكلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ ئوراپ قاچىلىماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى شى يۈ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ