قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى كەڭ ئۆسمۈرلەر ۋە ئۆسمۈرلەر خىزمەتچىلىرىنى كۈرەش قىلىپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى

2026.06.02 14:33 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز ياڭ خاۋ

«1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتاي خاتىرە سارىيى، نەنخۇ ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدىكى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي رىغبەتلەندۈردى ھەم ئۇلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ بايرامنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى قەلبلەرنى ئىللىتتى، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى، ئۇ كەڭ ئۆسمۈرلەر ۋە ئۆسمۈرلەر خىزمەتچىلىرىنى غايىسىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىپ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يېڭى سەپەردە تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

«بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، بۇ ئالاھىدە مۇھىم ۋاقىتتا، شى بوۋامنىڭ جاۋاب خېتى بىزنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى.» باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يازغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتاي خاتىرە سارىيىدىكى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىسى، شاڭخەي شەھىرى خۇاڭپۇ رايونى لۇۋەن 1-مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ ياچىڭ ئىنتايىن ھاياجانلاندى، «مەن شى بوۋامنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل ھېكايىلەرنى داۋاملىق ياخشى سۆزلەپ، قىزىل كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى داۋاملاشتۇرىمەن.»

2006-يىلى قۇرۇلغان لۇۋەن 1-مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى «قىزىل كاناي» كىچىك چۈشەندۈرگۈچىلەر كۇرژۇكى مەملىكەت بويىچە تۇنجى مەخسۇس جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتاي خاتىرە سارىيىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىيونېرلار ئەترىتى پىدائىي چۈشەندۈرگۈچىلەر كۇرۇژۇكى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى بىز ئاساسىي قاتلام مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ قىزىل ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇشىمىزغا بېرىلگەن غايەت زور ئىلھام، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتەك سەمىمىي تاپشۇرۇق مۇجەسسەملەنگەن.» لۇۋەن 1-مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ۋۇ رۇڭجىن مۇنداق تونۇشتۇردى: 20 يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرىچە يېشى ئون ياش بولغان بۇ پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرى كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە 1000 مەيداندىن ئارتۇق چۈشەندۈرۈشنى قانات يايدۇردى، چېنىقىپ ئۆسۈپ يېتىلىپلا قالماي، قەلبىدە پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشتەك چوڭقۇر ھېسسىيات تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، نەنخۇ ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىسى، جېجياڭ جياشىڭ شەھەرلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى شەرقىي مەكتەپ رايونىدىكى پىيونېر ۋاڭ يوۋمىڭ قاتتىق ھاياجانلاندى، ئىپتىخارلاندى، «شى بوۋامنىڭ جاۋاب خېتىگە بىزگە بولغان غەمخورلۇق ۋە ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن، مەن قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئوقۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپايىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىچىك ھەمراھلارنىڭ قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولىمەن.»

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جېجياڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جوۋ سۇخۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش»نى تەكىتلىگەنلىكىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. «بىز دىققەتنى <قىزىل تومۇر>نى قوغدىغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، <قىزىل كېمە كىچىك چۈشەندۈرۈشى> قاتارلىق خىزمەت ماركىسىنى كۈچەپ يارىتىپ، پىيونېرلارنى <ئاڭلىغۇچى> دىن <بايان قىلغۇچى>ئايلىنىشتەك رول ئۆزگەرتىش جەريانىدا، غايە-ئېتىقاد ئوتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى جوۋ سۇخۇڭ.

«مەن يەرلىك قىزىل بايلىققا تايىنىپ، پارتىيەنىڭ ھېكايىسى، ئاۋانگارت ئۈلگىلەرنىڭ ھېكايىسى ۋە دەۋر مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل ھېكايە، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىش ئىزلىرىنى ئەترەت دەرسى ۋە باش تېما پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، يېزا-كەنتتىكى ئۆسمۈرلەرنى تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۈلگىلەرگە توغرىلىنىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى تۇجيا-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى خۇايۈەن ناھىيەسى شۇاڭلۇڭ بازىرى شىبادۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى پۇ لىتاۋ.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ بالىلارنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى، بۇ دەل بىزنىڭ <يامغۇر تامچىسى> قىزىل گالىستۇكلۇق پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى قۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسىتىمىز.» جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرى يۈخۇاتەي ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى جەمئىيەت تەربىيەسى باشقارمىسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەربىيەسى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى يېتەكچىسى جوۋ فېيفېي مۇنداق بىلدۈردى: «ئۆسمۈرلەرنىڭ شان-شەرەپكە ئىنتىلىش تىياتىرخانىسى» قاتارلىق خاس دەرسلەرنى ئېلىپ مەكتەپكە كىرىپ، پىيونېرلارنى قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەش جەريانىدا غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساداسى ئارقىلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىنى تەسىرلەندۈرىمىز.

بۇلتۇر «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا، شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن شەھىرى قىزىل 26-جۈن قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ليۇ يۈشىن 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى نەق مەيداندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. بۇ يىل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى ئۆسمۈرلەرنى «يېڭى سەپەردە تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈش»كە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئىلھاملاندۇردى، ئۇ بۇنىڭدىن ھەسسىلەپ روھلاندى، «مەن شى بوۋامنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىلىم، قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرۈپ، قىزىل ھېكايىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى سۆزلەپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئۇدا كۈرەش قىلىمەن.»

ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى، كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

جۇڭگو پەن-تېخنىكا سارىيى «ئالىملار + پەن-تېخنىكا يېتەكچىسى + قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچى»دىن ئىبارەت «چوڭلار كىچىكلەرنى يېتەكلەش»تەك ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش مېخانىزمىنى يېڭىلىق يارىتىپ بەرپا قىلىپ، سۆز-ھەرىكىتى بىلەن ئۆگىتىش، يېتەكلەش ئارقىلىق ئالىملار روھىنى ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىگە بىۋاسىتە يەتكۈزدى. «پەن-تېخنىكا سارىيىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا جانلىنىۋاتقان قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلەر قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىدىغان جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلاندى، ئۇلار ئۆسمۈرلەرنى ئالىملارنى ئۈلگە قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى» دېدى جۇڭگو پەن-تېخنىكا سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى گو جې.

شياڭشەن ئىنقىلابى خاتىرە سارىيى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ساراي باشلىقى ياڭ جيايى مۇنداق بىلدۈردى: مەملىكەت بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلەر كوللېكتىپىنى ياخشى تەربىيەلەپ، بالىلارنى پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، تېخىمۇ كەڭ ئۆگىنىش ۋە ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىنقىلاب مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز.

(مۇخبىرىمىز ساۋ لىڭجۈەن زىيارەتكە ۋە ماقالە يېزىشقا قاتناشتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ