«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

كېلەچەك كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

2026.06.02 14:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 11 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «كېلەچەك كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: كېلەچەك كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بىزنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئالدىن ئىگىلەش، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كېلەچەك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، كېلەچەك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدا ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەۋقەنى ئوبيېكتىپ شارائىتقا قويۇپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، پەلەمپەيسىمان يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز كېلەچەك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. كېلەچەك كەسىپلەر ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئىلمىي پىلانلاش، ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا توغرا كېلىدۇ. تەرەققىيات يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى، بىيوياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش كېرەك. تېخنىكا لۇشيەنىنى ئىلمىي دەلىللەپ، ئالدىنقى سەپ تېخنىكا ئىستراتېگىيەسىگە ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات رىتىمىنى ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى، تېخنىكىنىڭ پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسى، ئامىللارنىڭ تىرەك بولۇش شارائىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، كېلەچەك كەسىپلەرنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر بىلەن بىر - بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش دەرىجىسى ناھايىتى زور دەرىجىدە كېلەچەك كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى، كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقىنى بەلگىلەيدۇ. يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «كەسىپ سوئال چىقىرىش، پەن - تېخنىكا جاۋاب بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساس تەتقىقاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدە، كۆپلىگەن كېلەچەك كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشى كارخانىلارنىڭ بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىشى، تۈرتكە بولۇشىغا تايىنىدۇ. تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ كارخانىلارغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپكە بىرلەشتۈرۈپ كېلەچەك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، زور بىر تۈركۈم پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانىلار، يەككە تۈردىكى چېمپىيون كارخانىلار، كەركىدان كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ياخشى سىياسەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. كېلەچەك كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش دەۋرىيلىكى ئۇزاق، بازار خەۋپ - خەتىرى چوڭ، سىياسەت جەھەتتە زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ھۆكۈمەت ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. مالىيە - باج قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى ئىشلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. كېلەچەك كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، جەزمەن ماسلىشىپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېخنىكىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش، خەۋپ - خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھەم «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇش»، ھەم «ياخشى باشقۇرۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆلچەمنى ئورتاق بەرپا قىلىش، قائىدىنى ئورتاق كېڭىشىش، كەسىپنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: كېلەچەك كەسىپلەرنىڭ تېخنىكا يېڭىلىشى تېز، تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار كۆپ، تەدبىر بەلگىلەش خەۋپ - خەتىرى چوڭ بولۇپ، بىزنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىمىز ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەمىزگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پەن - تېخنىكا ئالدىنقى سېپىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كەسىپلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكىنى بىلىش، كەسىپنى بىلىش، تەدبىر بەلگىلەشكە ماھىر بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ