
باش ياز مەزگىلىدە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇڭئەن ناھىيەسىگە جايلاشقان جۇجيالوۋ كەنتىگە كىرگىنىمىزدە، ئات باشلىق تامنىڭ قارلىغاچ قۇيرۇقىسىمان لەمپىسى، نەقىشلىك دېرىزە رېشاتكىلىرى ئارىسىدىن ئالىچىپار نۇرلار چۈشۈپ تۇراتتى، كۆك رەڭلىك تاش تاختا يول ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نەملەشكەنىدى. يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان بۇ ئەنئەنىۋى كەنت قەدىمىي پۇراقنى يادرو، تاغ-دەريالارنى تومۇر قىلغان بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقانىدى.

جۇجيالوۋ كەنتىنىڭ بىر بۇرجىكى. خەلق تورى مۇخبىرى ۋاڭ گوجى فوتوسى
شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان جۇجيالوۋ كەنتى تاغ-دەريالارغا يانداش بولۇپ، شەرق-غەرب ئىككى تەرىپىنى تاغلار ئوراپ تۇراتتى. كەنتتىكى ئىمارەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ناھايىتى پۇختا بولۇپ، ئۈچ پاراللېل كوچا كەنتنى تەبىئىي ئايرىپ تۇراتتى، ھەربىر كوچىدا بەشتىن يەتتىگىچە ئائىلىلىك ئولتۇرىدىغان بولۇپ، «ھەم ئائىلىلىكلەر ئايرىم بولغان، ھەم كوچىلار ئۆزئارا تۇتاشقان» ئۆزگىچە ئەندىزە شەكىللەنگەنىدى. 2012-يىلى، جۇجيالوۋ كەنتى 1-تۈركۈمدىكى جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ھالبۇكى، يىللارنىڭ ئۇپرىتىشى بىلەن كونا ئۆيلەر ئىنتايىن خەۋپلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى.

جۇجيالوۋدىكى كونا تۇرالغۇلار ئىلگىرىكى ئەمەلىي ئىقتىدارى بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى گو تىڭتىڭ فوتوسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، كەنت پېشقەدەم ئۇستىلارنى تەكلىپ قىلىپ، قورغان تېمى، قەدىمىي قۇدۇق، ئات نەقىشلىك تاش قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلارنى بىر-بىرلەپ ئەسلىگە كەلتۈردى ھەم گىرەلىشىپ كەتكەن كوچا ۋە بىنالار ئارىسىدىكى يولنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈردى. كەنت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغدىغۇچى جۇ خۇي كوچا ئېغىزىدا تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق تونۇشتۇردى:«قاراڭ بۇ كۆك خىشقا، ھەممىسى كونا پاسون بويىچە تولۇقلانغان. زەي ئۆستەڭمۇ قەدىمىي كەنتنىڭ ئەسلىدىكى تومۇرىنى بويلاپ ياسالغان.» دۆلەت ھەم يەرلىك مەبلەغ سېلىپ، «كونا قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، 300 ئېغىزدىن ئارتۇق قەدىمىي ئۆي، بەش قەدىمىي كوچىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تاماملىدى، قەدىمىي كەنتنىڭ «شەكلى» ساقلاپ قېلىندى.

ئەسلىي قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلىنغان جۇجيالوۋ كەنتىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇسى. خەلق تورى مۇخبىرى ۋاڭ گوجى فوتوسى
بۈگۈنكى كۈندە قەدىمىي كوچىنىڭ ئىچكىرىسىدە سەيلە قىلسىڭىز، پىچاق ماھارىتى ئىنچىكە، قاتلاملىرى ئېنىق بولغان ياغاچ ئويما، تاش ئويما، خىش ئويمىلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ؛ گىرەلىشىپ كەتكەن چىغىر يوللار كىشىنى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ.

جۇجيالوۋ كەنتىدىكى خۇامېنلوۋ. خەلق تورى مۇخبىرى ۋاڭ گوجى فوتوسى
ھەممە يەرنى قاپلىغان يېشىللىققا يەنە قەدىمىي كەنتنىڭ ھاياتىي كۈچى يوشۇرۇنغان. كەنت ئىچىدە دۆلەت ۋىۋىسكا ئېسىپ قوغدايدىغان 23 تۈپ قەدىمىي دەرەخ جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، شاخ-يوپۇرماقلىرى بۈك-باراقسان ئىدى. «چاي شاھى» دەپ ئاتالغان ئىككى تۈپ قەدىمىي چاي دەرىخىنىڭ شاخلىرى بېجىرىم بولۇپ، ھەر قېتىم چېچەكلەش مەزگىلىدە گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ؛ كوچا ئېغىزىغا سايە تاشلاپ تۇرغان قېرى تۇخۇمەك دەرىخى يازنىڭ ئىسسىقىنى كەنت سىرتىغا ئاستا-ئاستا ھەيدەپ تۇرىدۇ.

جۇجيالوۋ كەنتىدىكى قېرى تۇخۇمەك دەرىخى. خەلق تورى مۇخبىرى ۋاڭ گوجى فوتوسى
بۈگۈنكى كۈندە، بۇ تاغ-دەريا ۋە قەدىمىي ئىمارەتلەرنىڭ سوۋغىسى ئاستا-ئاستا كەنت ئاھالىلىرىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرمەكتە.
كەنت قەدىمىي ئىمارەتلەرنى سەيلە قىلىش، ئۆرپ-ئادەتتىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن تەبىئىي ئىستىراھەتنى بىرلەشتۈرۈپ، «يۇرت سېغىنىشىنى ھېس قىلغىلى بولىدىغان» بەخىرامان تۇرمۇش بوشلۇقى بەرپا قىلدى. ساياھەتچىلەر كۆك رەڭلىك تاش تاختا يېيىتىلغان يولنى بويلاپ ئاستا مېڭىپ سەيلە قىلغاچ، بوۋاي-مومايلارنىڭ كەنتتىكى كونا ئىشلار توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىنى ئاڭلايدۇ، دەرەخ سايىسى ئاستىدا ئارام ئېلىپ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىدۇ. كونا ئۆي رېمونت قىلىندى، مۇھىت گۈزەللەشتى، كەنت ئاھالىلىرى ئەجدادلىرى ياشاپ كەلگەن كەنتنى قوغداپ، كۈنلىرىنى بارغانسېرى خاتىرجەم ئۆتكۈزمەكتە.

ساياھەتچىلەر جۇجيالوۋ كەنتىنى سەيلە قىلماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى گو تىڭتىڭ فوتوسى
خۇددى جۇ خۇي ئېيتقاندەك:«ھازىر كەنت بارغانسېرى ئاۋاتلاشتى، كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدى تېخىمۇ ئاشتى.» (جاڭ جۈن، گو تىڭتىڭ، جوۋ تيەن، ۋاڭ گوجى)
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ