
مائارىپ مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە ئوقۇش مۇلازىمەت مەركىزى يېقىندا مۇنداق ئەسكەرتىش ئېلان قىلدى: چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك ئۆگىنىش شەكلى ئارقىلىق ئېرىشكەن دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ۋە ئالىي مائارىپ دىپلومى ئىزچىل ئېتىراپ قىلىش دائىرىسىدە ئەمەس. مەركەز يۇقۇم مەزگىلىدە قوللانغان ئالاھىدە ئېتىراپ قىلىش قائىدىسى پەقەت يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، يۈزتۇرا دەرس ئۆتۈشتىن توردا ئۆگىنىشكە ئۆزگىرىشكە مەجبۇر بولغان ئەھۋاللارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئەزەلدىن چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك ئۆگىنىش ئېتىراپ قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، مەركەز يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر قىسىم ناچار ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئالاھىدە ئەھۋالنى چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك ئۆگىنىش شەكلى بىلەن بىر تاياقتا ھەيدەپ، كۆز بويامچىلىق قىلدى. كەڭ چەت ئەلدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن پەرقلەندۈرۈشى، ھەر خىل سۇپىلاردىكى «چۈشەندۈرۈش» ۋە «تاكتىكا»لارغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىكىنى سورايمىز.
يېقىندا، گۇڭئەن ئورگانلىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان ئەھۋال ۋە چەت ئەلدە ئوقۇش مۇلازىمەت مەركەزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئېتىراپ قىلىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈگەندە، ناچار ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ۋە چېگرا سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش مۇلازىمەت مەركەزلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدىكى ئالاھىدە ئېتىراپ قىلىش قائىدىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، بۇرمىلاپ، تور سۇپىسىدا ساختا تەشۋىقات قىلىپ، چېگرادىن چىقىپ ئوقۇمىسىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ يالغان ئېيتىپ، ئوقۇش تارىخىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئىلتىماس ماتېرىيالىنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى، قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ ھەتتا ئالدامچىلىق شەكىللەندۈرگەنلىكى بايقالدى. شۇڭا، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن، چەت ئەلدە ئوقۇش پىلانىنى ئەستايىدىل ياخشى تۈزۈپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش تۈرىنى تاللىغاندا مائارىپ مەسئۇل تارماقلىرى ۋە مەكتەپ ئورگان تەرەپ تور بېكىتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن كۆپ تەرەپتىن پايدىلىنىپ، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ