
جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جەي شىچېن گوللاندىيە ھەربىي پاراخوتىنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ شاڭشياۋسى جەي شىچېن مۇنداق بىلدۈردى: 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گوللاندىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «دېرۇيىد» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى جۇڭگونىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرىپ، ئاۋىياماتكا تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھەربىي پاراخوتتىن بوشلۇققا كۆپ قېتىم ئۇچۇپ دۆلىتىمىزنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە بېسىپ كىردى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە ئەسكىرىي كۈچىنى تەشكىللەپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئاۋازلىق ئاگاھلاندۇرۇش، ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىك ئېلېكتىرونلۇق كاشىلا قىلىش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سىرتقا قىستاپ قوغلىۋەتتى. گوللاندىيە تەرەپنىڭ قىلمىشى جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز، ھاۋا بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق، نەنخەي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق بولۇپ، خاتا چۈشەنچە ۋە خاتا ھۆكۈمنى ئاسانلا پەيدا قىلىدۇ.
بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، گوللاندىيە تەرەپنى ھوقۇققا چېقىلىش، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا رەسمىي يوسۇندا ئۇقتۇرىمىز. ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىم ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ