
مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 72-گۇڭئەن مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاممىۋى بىخەتەرلىكى ساھەسىنىڭ تەۋسىيە خاراكتېرلىك ئۆلچىمى «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىشىنى بېكىتىش قائىدىسى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلىدىكەن. ئۆلچەم تەييارلاشقا مەسئۇل كىشى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ ئۆلچەمنى تۈزۈش قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ، يەنى يول قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھالقىسىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىنى بېكىتىشكە تەتبىقلىنىدۇ.
قاتناش ـ تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ بېكىتىشى ئارقىلىق، ئۆلچەمدىكى يولۇچى تىرانسپورت موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىشى بېكىتىلگەن ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ يول يولۇچى تىرانسپورت كارخانىلىرى ۋە يول يولۇچى تىرانسپورتى (يەنى نۆۋەتچى ئاپتوبۇس يولۇچى تىرانسپورتى، ھۆددە ئاپتوموبىل يولۇچى تىرانسپورتى، ساياھەت يولۇچى تىرانسپورتى) تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شوپۇر ۋە ئاپتوموبىل قاتارلىقلارغا ماس كېلىدىغانلىقى، تاكسى (توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق تىجارەت پائالىيەتلىرىگە چېتىلمايدىغانلىقى بېكىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆلچەمدە يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ ئۇدا ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋاقتىغا قارىتا ئالاھىدە بەلگىلىمە يوق بولۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئادەتتىكى بەلگىلىمىسى تەتبىقلىنىدۇ، يەنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۇدا تۆت سائەتتىن ئارتۇق ھەيدەپ ياكى ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ئارام ئالغان ۋاقتى 20 مىنۇتتىن ئاز بولغان بولسا.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ