
يېقىندا، جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغانلىق توغرىسىدىكى كۆپ قېتىملىق ياردەم تەلەپ قىلىش دېلوسىنى تاپشۇرۇۋالدى، نۇرغۇن قېرىنداشلار ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىدى. ئالامەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەردە تېلېگراف ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر ھىندونېزىيەگە يۆتكىلىپ دېلو سادىر قىلغان، ھىندونېزىيە تەرەپ نۇرغۇن تېلېگراف ئالدامچىلىقى ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلغان. جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى كەڭ جۇڭگو پۇقرالىرىغا بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئالدامچىلىق قىلتاقلىرىدىن ھوشيار بولۇپ، ناتونۇش كىشىلەرگە شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىماسلىقنى، تېخىمۇ مۇھىمى ئاسانلىقچە پۇل يۆتكىمەسلىكنى ياكى ئېنىق بولمىغان ئۇلانمىلارنى چەكمەسلىكنى، ئۆزىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداشنى ئەسكەرتتى. ئەگەر بەختكە قارشى ئالدىنىپ قالسىڭىز، تېزدىن ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ھەمدە جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىدىن ياردەم سوراڭ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ