
يېقىندا، نۇرغۇن تورداشلار كىملەر پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلىشىشنى ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقىنى سورىدى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مۇنداق بىلدۈردى: پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئوبيېكتى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار بولىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار سالامەتلىك ئەھۋالى، ماھارەت سەۋىيەسى، ئائىلە ئامىلى، يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار ھەمدە ئۇدا بەلگىلىك ۋاقىت ئىشسىز قېلىپمۇ يەنىلا ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى كۆرسىتىدۇ، كونكرېت دائىرىسىنى ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ ھەمدە ھەرىكەتچان تەڭشەيدۇ.
ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار دەپ بېكىتمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن ئىشسىزلىقنى تىزىملىتىشى كېرەك، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش-يۆلەش ئارقىلىقمۇ ئىشقا ئورۇنلىشالمىسا ھەمدە شۇ جاينىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنى بېكىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار دەپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ