
ئافرىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىپ يەنە پايدىنى كۈتۈۋالدى! تاموژنا باش مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 2026-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 دۆلەتتىن كەلتۈرۈلگەن قەھۋە پۇرچىقى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە، بىردەك جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنسا بولىدىكەن. تاموژنا باش مەھكىمىسى ھايۋانات-ئۆسۈملۈك تەكشۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: تاموژنا باش مەھكىمىسى بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئافرىقا يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىش ئىجازىتىنى يەنىمۇ تېزلەتكەن، بۇ قېتىم جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان قەھۋە پۇرچىقى قۇرۇتۇلغان مۇچتىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەر ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك كارانتىن قىلىش ئىجازىتى ئىشقا ئاشۇرۇلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ