
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئائىلىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاشقا دائىر ئالتە تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى. بىر دېلو مىسالىدا، سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇزاق مۇددەت خورلاپ، زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك ئىنتايىن ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغان جاۋابكارنى قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، قەتئىي كەڭ قورساقلىق قىلماسلىق، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكتەك قانۇن يۈرگۈزۈش ھۆكۈمى ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىغان.
ۋېن XX (ئايال) ئۆيلەنگەن ئەر تيەن XX بىلەن بىللە تۇرغان. 2023-يىلى 2-ئايدىن 12-ئايغىچە، تيەن XX قىزى تيەن XX (زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، ئىككى يېشىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ) نى ئېلىپ ۋېن XX بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇ مەزگىلدە، ۋېنXX، تيەن XX دائىم باغلاپ قويۇش، ئېسىپ قويۇش، ئۆرە تۇرۇش جازاسى بېرىش، ئاچ-يالىڭاچ قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تيەن XX نى خورلىغان، يەنە دائىم ئۇرۇپ تىللاپ، ساپما كەش، گۈرجەك، ياغاچ تاياق قاتارلىقلار بىلەن تيەنXX نى زورلۇق بىلەن ئۇرغان. 2023-يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 6 لەردە، تيەن XX ئىشقا كەتكەندىن كېيىن، ۋېن XX تيەن XX نىڭ كارىۋاتقا سىيىپ قويغانلىقىنى بايقاپ، يان تېلېفونغا توك قاچىلاش سىمى قاتارلىقلار بىلەن تيەن XX نىڭ كۆكرەك قىسمى قاتارلىق جايلىرىنى قاتتىق ئۇرغان، نەتىجىدە تيەن XX يەرگە يىقىلىپ تارتىشىپ قالغان، ۋېن XX تيەن XX ئۆيگە قايتىشقا چاقىرغاندىن كېيىن، تيەن XXنى بىللە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان، تيەن XX قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: ۋېن XX تيەن XX بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بالىنى خورلىغان، قىلمىشى قەبىھ، يەنە بالىنى قەستەن زەخىملەندۈرگەن، ئۇنىڭ قىلمىشىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا خورلاش جىنايىتى، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدىغان بولۇپ، قانۇن بويىچە قوشۇپ جازالاش كېرەك. ۋېن XX تيەن XX نى ئۇزاق مۇددەت، سىجىل، قايتا-قايتا قەستەن زەخىملەندۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېلو يۈزبەرگەن كۈنى قىلغان ئۇرۇش قىلمىشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تيەن XX نىڭ ئوڭ يۈرەك دالانچىسىنىڭ يېرىلىپ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاسىتە سەۋەب بولۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ئەخلاقىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، ئادىمىيلىك تۆۋەن چېكىنى دەپسەندە قىلغان، جىنايەت قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ، ۋاسىتىسى پەۋقۇلئاددە قەبىھ، جەمئىيەتتىكى تەسىرى قەبىھ، جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك.
سوت مەھكىمىسى ۋېن XX نى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلدى، خورلاش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىشنى قارار قىلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ئارقىلىق، جىنايەتچى ۋېن XX كە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى. تيەن XX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تيەن XX نىڭ دادىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋېن XX نىڭ خورلاش، ئۇرۇش قىلمىشىنى ئۈنۈملۈك توسمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ۋېن XX نى خورلاش، ئۇرۇشقا يول قويغان ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە جىنايەت سادىر قىلغان، ئۇمۇ باش جىنايەتچى بولسىمۇ، لېكىن رولى ۋېن XX نىڭكىدىن كېيىن تۇرغاچقا، سوت مەھكىمىسى ئۇنى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى، خورلاش جىنايىتى بىلەن قوشۇپ جازالاپ، قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ