
يېقىندا، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى سىرتقا ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكىنىڭ «15-بەش يىللىق» يىرىك پىلان پىروگراممىسى تولۇق ئېلان قىلىندى.
ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «15-بەش يىل»لىق ئۇلۇغۋار پىلان تەكلىپى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى تۈزگەن «15-بەش يىل»لىق پىلان تەكلىپىگە ئاساسەن تۈزۈلۈپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانى ۋە يولى ئىزاھلاندى.
مۇخبىرلار رەتلەپ بايقىدىكى، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلكە «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاشۇرۇش نىشانىنى ئېلان قىلغان.
بۇ يىل 3-ئايدا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىدا ماقۇللانغان «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا، «زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش» مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. «خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش»، «تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش» قاتارلىقلار نۇرغۇن ئۆلكىلەرنىڭ «15-بەش يىل»لىق ئۇلۇغۋار پىلان پىروگراممىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزمۇنىغا ئايلاندى. نۇرغۇن ئۆلكىلەر بىيو ياسىمىچىلىق، يېشىل ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلدى.
ئىچكى ئېھتىياج دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. فۇجيەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەت ئىستېمالىنى قولايلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ خۇبېي خەلق ئىچى كاپىتالىنىڭ تۆمۈريول، سۇ ئېلېكتىر، سۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى بەلگىلىك پايدىغا ئىگە تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا پائال قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى... 31 ئۆلكە ئۆزىنىڭ «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا بىردەك ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكە قارىتا قاراتمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە ئىستېمالنى كۈچەپ قوزغىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىسلاھات دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. چۇڭچىڭ شەھىرى چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ بازارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى؛ گەنسۇ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ساھەلەرنىڭ بازار ئىجازىتى مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە بازار ئايرىمىچىلىقىنى تۈگىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ... نۇرغۇن ئۆلكىلەر نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قويۇپ بېرىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىش داۋامىدا ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاش، ماس تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. 31 ئۆلكىنىڭ «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ھەممىسىدە «ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش»نىڭ خەلق تۇرمۇشى تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى ئۆلكىلەر يەنە دىققەتنى «بالىلارنى ياخشى ئوقۇتۇش»، «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش»، «ياخشى ئۆي» قۇرۇلۇشى، «ياشانغانلار، بالىلار» قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلغان.
چىڭخۇا داشۆ داشۆ جۇڭگو تەرەققىيات يىرىك پىلان تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى دۇڭ يۈ مۇنداق دېدى:« 31 ئۆلكىنىڭ 15-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تەلىپى چىڭ كۆزلىنىپ، ئالاقىدار ساھەلەردە بەلگە خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يەرلىكنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، تەرەققىيات بىرىكمە كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ