شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى

2026.05.26 15:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ياڭ يىجۈن) 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو - پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، يىمىرىلمەس ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى تاۋلاپ چىقتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى يۆنىلىش قىلدى. يېقىندا، مەن تيەنجىن داشۆدە ئوقۇۋاتقان پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالدىم. ساۋاقداشلار جۇڭگو - پاكىستان ھەمكارلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، ئالماشتۇرۇشنىڭ تارقاتقۇچىلىرى، دوستلۇقنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپتۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىزباسارلىرى بارلىقىنى كۆرۈپ، مەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئىككى تەرەپ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دائىملىق ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، پاكىستان تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار ۋە «ئاددىي ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىكى، كەسىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلەردىكى خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياراشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. ئىككى تەرەپ قويۇق ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى داۋاملىق ساقلاپ، يەككە تەرەپچىلىك ۋە سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

شاھباز مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ پاكىستان خەلقىنىڭ ئۇلۇغ دوستى، شۇنداقلا دۇنيادىكى بارلىق تىنچلىقنى سۆيىدىغان خەلقنىڭ ئۇلۇغ دوستى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى، تەڭداشسىز. پاكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار بارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، مەڭگۈ جۇڭگونىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى بولىدۇ. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەپ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پاكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ پاكىستان تەرەپنىڭ ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنى ياراشتۇرۇشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان تۆت تەشەببۇسى تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يېتەكچى لايىھە. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ