
مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، سەنئەت كاتتا زىياپىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىش. 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، «ئانارگۈلى ئېچىلىپ ئورتاق ئارزۇ مۇجەسسەملەندى، يەر - جاھاندا شادلىق ناخشىسى ياڭراپ جۇڭخۇا جۇلالاندى» باش تېمىسىدىكى 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئەت پەسلى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر لۇ يىڭچۇەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن جېڭۋېي ليۇ جيەنمىڭ باشلىنىش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
خەلق ئىچى سەنئەت پەسلى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك خەلق ئىچى سەنئەت پەسلىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيە زىچ چۆرىدىلىپ، ۋارىسلىق قىلىش - يېڭىلىق يارىتىش، تاللاش - كۆرەك قىلىش، ئارىلىشىش - ئالماشتۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن مەملىكەت بويىچە خەلق ئىچى سەنئىتىنى ئالماشتۇرۇش، نامايان قىلىش مۇھىم سۇپىسى كۈچەپ بەرپا قىلىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ.
باشلىنىش پائالىيىتىدە، مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ناخشا - ئۇسسۇللاردىن «مەن شىنجاڭنى ناخشامدا كۈيلەپ سىزگە ئېيتىپ بېرەي» «تىيانشاندىكى ئەڭ گۈزەل گۈل» «مەن بىلەن شىنجاڭغا كېلىڭ» قاتارلىقلار خۇشال - خۇرام كەيپىياتنى نامايان قىلدى. «جۇڭخۇا چوڭ سەھنىسى»دە جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشتىن ئىبارەت گۈزەل مەنزىرە جانلىق نامايان قىلىندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ