پارا بېرىش جىنايەت گۇماندارى شۆ گوچۈەن ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىندى

2026.05.26 15:43 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشى ۋە گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ ياردىمىدە، خۇنەن ئۆلكىلىك رېۋىزىيە ئورگىنى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، پارا بېرىش جىنايەت گۇماندارى شۆ گوچۈەننى چېگرا سىرتىدا تورغا چۈشۈردى ھەمدە ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كەلدى. خۇنەن ئۆلكىلىك رېۋىزىيە ئورگىنى شۆ گوچۈەننىڭ پارا بېرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ