
قالقانسىمان بەز راكى دۆلىتىمىزدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالدىنقى ئۈچ يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارىغا ئۆتتى، بولۇپمۇ ئاياللاردا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە دائىم روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەچكە، كۆپ ساندىكى بىمارلار سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە تاسادىپىي بايقىلىدۇ. قالقانسىمان بەز راكى ئادەتتە تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئۇ ئەمچەك توپچىسىسىمان راكى، سۈزگۈچسىمان راك، يىلىكسىمان راك، ئايرىلمىغان راكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قالقانسىمان بەز توپچىسىمان راكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، بارلىق قالقانسىمان بەز راكىنىڭ تەخمىنەن %90 ىنى ئىگىلەيدۇ، كىلىنىكىدا ئۆلچەملىك داۋالانغاندىن كېيىن ساقىيىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، بەزىلەر قالقانسىمان بەز راكىنى بىر خىل «ھورۇن راك» دەپ قارايدۇ. دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قالقانسىمان بەز راكىنىڭ ھەممىسىلا «ھورۇن راك» تۈرىگە تەۋە ئەمەس ئىكەن، قىسمەن ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بەزى بىمارلار ئوپېراتسىيەدىن كېيىنمۇ ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك ئىكەن. قالقانسىمان بەز راكى كۆپ يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالدا، بالدۇر تاسقاپ تەكشۈرۈش، بالدۇر تۇتۇش قىلىش ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىش، ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا ھەر ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بىر قېتىم قالقانسىمان بەز ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ۋە قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشنى؛ تۈگۈنچە بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە نورمالسىزلىق ساقلانغان كىشىلەر توپىغا ھەر يىلى قەرەللىك قايتا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، ئامبۇلاتورىيەدە تەكشۈرتۈپ تۇرۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ