
يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «يېشى ئېشىپ كەتكەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 2026-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«ۋاقىتلىق بەلگىلىمە»نىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىش، يېشى ئېشىپ كەتكەن ئەمگەكچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئورۇنلاشتۇرغان ھەقلىق ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىققان ئەمگەكچىلەر پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىرىمۇ «ۋاقىتلىق بەلگىلىمە»نىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسىدە بولىدۇ.
«ۋاقىتلىق بەلگىلىمە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن يېشى ئېشىپ كەتكەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشى، ئەمگەك ھەققى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە يىللىق بايرام، خاتىرە كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسىگە رىئايە قىلىش، ئادەتتە يېشى ئېشىپ كەتكەن ئەمگەكچىلەرنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرماسلىق، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغاندا ئەمگەك قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇۋاپىق خىزمەت ئورنى ۋە ئەمگەك سىجىللىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە كەسپىي ساغلاملىق تەربىيەسى بېرىشى ۋە تەربىيەلىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ