

«تاموژنا خەۋىرى» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ۋېنجىندۇ تاموژنىسى يۈك تىرانسپورت ئىمپورت يولىدا ئاپتوموبىل قۇيرۇق تاختىسىنىڭ قېتىغا يوشۇرۇپ قويۇلغان 420 كونا يان تېلېفوننى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن.
تاموژنا خادىملىرى چېگرادىن كىرگەن بىر يۈك ئاپتوموبىلىنى تەكشۈرگەندە، ماشىنىدا تەكشۈرۈش سۈرىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن. تاموژنا خادىملىرى دەرھال ئادەملىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتوموبىل كابىنكىسىدىن مەلۇم قىلىنمىغان نۇرغۇن يان تېلېفون ئورالما خالتىسىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈپ، تەكشۈرۈش دائىرىسىنى دەرھال كېڭەيتكەن.
رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئاپتوموبىل قۇيرۇق تاختىسىنىڭ ۋېنتىسىدا بوشىتىش ئىزى بارلىقى بايقالغان، قۇيرۇق تاختىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۆمۈر رامكىنى چۇۋۇپ ئالغاندىن كېيىن، نەق مەيداندا ئىشلىتىش ئىزى بار بىر تۈركۈم كونا يان تېلېفوننى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن، سانىغاندىن كېيىن جەمئىي 420 دانە چىققان. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، بۇ شوپۇر باشقىلارنىڭ مېلىنى چېگرادىن كىرگۈزۈشىگە ياردەم قىلغانلىقى ھەمدە «يول يۈرۈش ھەققى» ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ