
جۇڭگولۇق يازغۇچى مو يەن يېقىندا لوندوندا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھېچقانداق نەرسە يازغۇچىلارنىڭ ئەسلىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق قارىدى: سۈنئىي ئەقىل بەلكىم نۇرغۇن كەسىپلەرنى خىرىسقا دۇچار قىلىشى مۇمكىن، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.
مو يەن مۇنداق دېدى: يازغۇچىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى ئەسلىي ئىجادىيەت ئىقتىدارى، يەنى ئۆزى يېزىپ باقمىغان، باشقىلارمۇ يېزىپ باقمىغان ھېكايە ياكى شېئىرلارنى يېزىپ، باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان تىپىك پېرسوناژ ئوبرازىنى يارىتىش، «مانا بۇ بىر يازغۇچىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ۋە قىممىتى».
مو يەن مۇنداق قارىدى: «سۈنئىي ئەقىل ئەۋلادمۇئەۋلاد يازغۇچىلار يازغان ئەسەرلەرگە تايىنىپ بارلىققا كەلگەن، ئۇ نۇرغۇن ئەسەرلەر ئاساسىدا قايتىدىن بىرىكتۈرۈپ، بىزگە ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بارلىق يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار ئەسلىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانمىسا، سۈنئىي ئەقىلنىڭ سەۋىيەسىمۇ بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ. يازغۇچىلار ئەسلىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى ئۇنىڭغا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈپ تۇرغاندىلا، ئۇ ئادەمگە ئوخشاش ئۈزلۈكسىز ئالغا باسالايدۇ.»
مو يەننىڭ قارىشىچە، سۈنئىي ئەقىل بىر خىل ياردەمچى قورال بولۇش سۈپىتى بىلەن، بولۇپمۇ تەرجىمە جەھەتتە ئەدەبىيات ساھەسىگە بارغانسېرى كۆپ ئارىلىشىدىكەن، كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەش، ئەدەبىي پىلانلاش، تېخنىكا قاتلىمىدىمۇ بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينايدىكەن. لېكىن، ئىجادىي ئەسەرلەر يەنىلا ئاساس ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ