«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ فىرانسۇز، رۇس، ئەرەب تىل - يېزىقى قاتارلىق تىل - يېزىق نۇسخىسى ھەم جۇڭگو تىل - يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2026.05.26 15:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ فىرانسۇز تىل - يېزىقى، رۇس تىل - يېزىقى، ئەرەب تىل - يېزىقى، ئىسپان تىل - يېزىقى، پورتۇگال تىل - يېزىقى، گېرمان تىل - يېزىقى، ياپون تىل - يېزىقى ھەم جۇڭگو تىل - يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسى قاتارلىق سەككىز تىل - يېزىق نۇسخىسى يېقىندا چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا تارقىتىلدى.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى(گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ تەھرىرلىگەن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2022 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 2024 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەبرىك سۆزى، ماقالىسى، يوليورۇقى قاتارلىقلاردىن 91 پارچە كىرگۈزۈلگەن، يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مەزگىلدىكى سۈرەتلىرىدىن 41 پارچە كىرگۈزۈلگەن. پۈتۈن كىتاب 18 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولغانلىقىدىن ئىبارەت جانلىق ئەمەلىيەت جانلىق خاتىرىلەنگەن، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەر مەركەزلىك نامايان قىلىنغان، پارتىيەمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان ئەقىل - پاراسىتى ۋە لايىھەسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نوپۇزلۇق ئەسەر.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى، ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسى 2025 - يىلى 7 - ئايدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ فىرانسۇز، رۇس، ئەرەب تىل - يېزىقى قاتارلىق تىل - يېزىق نۇسخىسى ھەم جۇڭگو تىل - يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ۋاقتىدا چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ